UyghurMain Dictionary
پوتسىدام ئاخباراتى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئاتىلىشى <جۇڭگو، ئامېرىكا،ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ياپونىيىىڭ تەسلىم بولۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پوتسىدام ئاخباراتى>، <پوتسىدام خىتابنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1945-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت پوتسىدام يىغىنىدا ئېلان قىلغان، ئامېرىكا يېزىپ چىققان، ئەنگلىيە قوشۇلغان، جۇڭگو قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان. پۈتۈن دۇنياغا رادىئو ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان. سوۋېت ئىتتىپاقى شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى قاتناشقان. جەمئىي 13 ماددا. ئاساسلىق مەزمۇنى: ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياپونغا قاراتقان ئۇرۇشى ياپونىيىنىڭ قارشىلىقىنى توختاتقانغا قەدەر ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ياپونىيە ھۆكۈمىتى دەرھال بارلىق قوراللىق قىسىمىلرىنىڭ شەرتسىز ھالدا تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك؛ ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پەقەت خونسىيۇ، خۇككايدۇ، كيوسۇ، سىكوكو ھەمدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن ئاراللار دائىرىسىدە چەكلىنىدۇ؛ ئارمىيىسى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرۇلىدۇ؛ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتقا تاپشۇرۇلۇپ، ياپون خەلقىنىڭ دېموكراتىيىسىگە پۇتلىكاشاڭ بولغان بارلىق توسالغۇرلار يوق قىلىنىدۇ؛ ياپونىيىنىڭ قايتىدىن قوراللىنىپ ئۇرۇش قىلىشىغا ئىمكان بىرىدىغان ھەربىي سانائەتنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەقسەتلەر ئەمەلگە ئاشقان ۋە ياپونىيىدە خەلقنىڭ ئىرادىسى بويىچە تىنىچلىققا مايىل ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى ئارمىيسى ياپونىيەدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت.