UyghurMain Dictionary
پوتلا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇرۇن پەردىسى چىقارغان سۇيۇقلۇق.
<ماڭقا> يەنە ماڭقىسى كۆپ ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان كىشىگىمۇ ئېيتىلىدۇ. <گاجاڭ> غۇلجا شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ماڭقا تازىلاپ تۇرۇلمىسا، بۇزۇن كېسەللىكى پەيدا قىلىدۇ. سېيىت ماڭقا <غۇنچەم> دارامىسىدىكى بايۋەچچىنىڭ ئوبرازى. مىشقىرىقنى كىشى ئالدىدا مىشقىرىش سەت قىلىق. پوتلاڭنى ئېقىتماي، نېرى كەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇرۇندىن ئاققا شىلىمسىمان سۇيۇقلۇق؛ ماڭقا.
پوتلىسىنى ئادالىماق.
تېرەك، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماق چىقىرىشتىن بۇرۇن چىقىدىغان چېچىكى.
دەرەخلەر پوتلا چىقىرىشقا باشلىغان ئەتىياز پەسلى ئىدى.
قارا چىراغ، شام پىلىكلىرىنىڭ كۆيۈپ ياكى چالا كۆيۈپ، پولتىيىپ ساڭگىلىغان قىسمى.
چامغۇرغا ئورنىتىپ قويۇلغان شامنىڭ پوتلىسى ئۆسۈپ، ئىسلاشقان بۇ زەي ئۆينىڭ ئىچى بارغانسېرى قاراڭغۇلاشماقتا ئىدى.