UyghurMain Dictionary
پوتسىدام كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
مەزمونى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان <بېرلىن (پوتسىدام) يىغىنىنىڭ كېلىشىمى> ۋە <بېرلىن يىغىنىنىڭ ئاخباراتى> دىن ئىبارەت ئىككى ھۆججەتنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. 1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت پوتسىدام ئىمزا قويغان. ئاساسىي مەزمونى: جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تەسىس قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەرنى مەسلىھەتلىشىش؛ گېرمانىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بىرلىكتە ئىشغال قىلىش، گېرمانىيىنى قورالسىزلاندۇرۇپ غەربىي ھەربىيلەشتۈرۈش، گېرمانىيىنىڭ ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەش ئىمكانىيىتى بولغان بارلىق سانائىتىنى يوق قىلىش ياكى تىزگىنلەش؛ ناتسىتلار پارتىيىسى ھەمدە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى ۋە نازارەتچىلىكىدىكى ئاپپاراتلارنى بىكار قىلىپ، بارلىق ناتسىتلار تەشكىلاتلىرىنى تارقىتىۋېتىپ،ئۇنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشىنى مەنئىي قىلىش، ناتسىت ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى قولغا ئېلىپ ۋە سوتلاپ، گېرمانىيىنى تىنچلىق دېموكراتىيە يولىنى بويلاپ تەرەققى قىلدۇرۇش؛ گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش، گېرمانىيە فلوتى ۋە سودا پاراخوتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، گېرمانىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگراسى، ئىتالىيە، رومىنىيە، بولغارىيە، ۋېنگرىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق بەش دۆلەت بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش ھەمدەباشقا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن ئىبارەت.