UyghurMain Dictionary
پولوۋىسلار
دۇنيا تارىخى
تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى. تەخمىنەن Ⅺ ئەسىردە ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي روسىيە دالاسىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات باسقۇچى يەنىلا باشلانغۇچ جامائەدىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈش دەۋرىدە تۇرغان. 11 - 12 ئەسىرلەردە دائىم رۇسلار بىلەن توقۇنۇشقان ھەمدە جەنۇبتىكى بالقان يېرىم ئارىلىغا ئىلگىرلەپ، ۋېزانتىيىگە ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلغان. 1223 - يىلى جەنۇبىي روسىيەگە تاجاۋۇز قىلغان مۇڭغۇللار تەرىپىدىن يېڭىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم پولوۋىسلار ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان، يەنە بىر قىسمى غەربكە ئىلگىرلەپ ۋېنگرىيىگە بارغان.