UyghurMain Dictionary
پولىكلېتوس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرىⅤ ئەسىر) قەدىمكى يۇنانلىق ھەيكەلتىراش. پېلوپوننېسىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئارگوس دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ھەيكەلتىراش ئاگېلاداسنىڭ شاگىرتى. ئىجادىيتى مىلادىدىن تەخمىنەن 452 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن مىلادىدىن 412 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە گۈللەنگەن. پېدىئاس بىلەن زامانداش، لېكىن ئۇنىڭدىن ياشراق. سەنئەت جەھەتتە پېدىئاس ئافىناچىلارنىڭ ۋەكىلى بولسا، پولىكلېتوس ئارىگوسچىلارنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقىسى تەڭرىلەرنىڭ ھەيكىلىنى ياساشتا داڭلىق بولسا، كېيىنكىسى ئادەملەرنىڭ ھەيكىلىنى ياساش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئاساسلىق ئەسىرى <نەيزىۋاز>دا كېلىشكەن، قەددى - قامەتلىك بىر ياشنىڭ قىلىچ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ھەيكەلنىڭ مەرمەر تاشتىن تەقلىد قىلىپ ياسالغان نۇسخىسى ھازىرغىچە (نېئاپولدا) ساقلانماقتا. قەدىمكى دەۋردە تېخىمۇ داڭلىقراقى ئارگوس زېمىنىدىكى ھېرا (زېۋىسنىڭ خوتۇنى) ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ھېرانىڭ ھەيكىلى (ئالتۇن ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان) بولۇپ، ئۇنىڭ كۆركەم ۋە نەپىسلىك جەھەتتە ئولېمپىيىدىكى زېۋىسنىڭ ھەيكىلى ۋە پارفېنوندىكى ئافىنانىڭ ھەيكىلىدىن (پېدىئاس ياسىغان)ن قېلىشمايدۇ. پولىكلېتوس ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ نىسبىتىنى ھېسابلاش ۋە پۇختا ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، غايىۋى گۈزەللىكنى ئادەمنىڭ تەقى - تۇرقىغا تولىمۇ ماسلاشتۇرغان ھالدا سىڭدۈرگەن. ئۇنىڭ <ئامازۇنكادىكى ئايال جەڭچى> (ھازىر بېرلىندا ساقلىنىۋاتىدۇ) بىلەن <بېزەك تاقىغان كىشى> (ھازىر ئافىنادا ساقلىنىۋاتىدۇ) قاتارلىق ھەيكەللەرنىڭ تەقلىدىي نۇسخىسى بار.