Uyghur←ChineseMain Dictionary
پولوۋىسلار
Domain: دۇنيا تارىخى波洛伏齐人
bō luò fú qí rén
تۈركلەرنىڭ بىر تارمىقى. تەخمىنەن Ⅺ ئەسىردە ۋولگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي روسىيە دالاسىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات باسقۇچى يەنىلا باشلانغۇچ جامائەدىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈش دەۋرىدە تۇرغان. Ⅺ - ⅡⅩ ئەسىرلەردە دائىم رۇسلار بىلەن توقۇنۇشقان ھەمدە جەنۇبتىكى بالقان يېرىم ئارىلىغا ئىلگىرلەپ، ۋېزانتىيىگە ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلغان. 1223 - يىلى جەنۇبىي روسىيەگە تاجاۋۇز قىلغان مۇڭغۇللار تەرىپىدىن يېڭىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم پولوۋىسلار ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان، يەنە بىر قىسمى غەربكە ئىلگىرلەپ ۋېنگرىيىگە بارغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.