UyghurMain Dictionary
پال
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
رەم، قۇرئىي.
پالچى. پالچىلىق. * پال ئاچماق. * پال سالماق. * پال باقماق. * پالغا ئىشەنمە، پالسىزمۇ يۈرمە (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
يۇرۇقلۇقنىڭ تېز كۆرۈنۈشى.
چىراغ «پال» قىلىپ يېنىپ «لىپ» قىلىپ ئۆچتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب ئېچىش، تاش - قۇمىلاق سېلىش يولى بىلەن كىشىنىڭ ھال - ئەھۋالى ، كەلگۈسىنى بىلىدىغان ساختا بېشارەت.
پالغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە. ئالدامچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى دۇرۇس. تۆلگە ئاچتۇردۇم، تۈگمەنگە بارىسەن، _ دېدى. قۇرئىدىن چىققار گەپكە ئىشەنمە.
دۇنيا تارىخى
(1858 - 1932) ھىندىستاننىڭ 1905-يىلدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى. سىلخېت (ھازىرقى بېنگال دۆلىتىدە) شەھىرىدىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇخبىر بولغان. 1876-يىلى <براخمى دىنىي جەمئىيىتى>گە قاتناشقان. ئىنگلىز تىلىدىكى ھەپتىلىك ژورنال <يېڭى ھىندىستان> قاتارلىق گېزىت - ژورناللارنى تەسىس قىلغان. خەلق كونگېرىسى پارتىيىسىدىكى رادىكاللارنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بايقۇت قىلىشنى، ۋەتەن مېلى ۋە مىللىي مائارىپنى تەشەببۇس قىلغان. مۇختارىياتنى،ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشنى تەشۋىق قىلغان. 1905 - يىلدىكى بېنگالنى بۆلۈۋېلىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ 1907 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، يېرىم يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ ئەنگلىيىگە بارغان. ئەنگىلىيىدە <ھىندىستان ئۆزىگە ئۆزى خوجا> ۋە <ھىندىستان ئوقۇغۇچىلىرى> قاتارلىق ژورناللارنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەش ئىرادىسى بوشىشىپ، ئاممىۋى خاراكتىرلىك زورلۇق كۈچ ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرغان، گەندىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى ۋە خەلىپە ھەرىكىتىگە قارشى چىققان، شۇنىڭ بىلەن ئابرويى چۈشۈپ كەتكەن. <يېڭى روھ: خەلق ھاياتىنىڭ مۇقەددەس سوۋغىسى>، <ھىندىستاننىڭ مىللەتپەرۋەرلىك روھى>، <ھىندىستاننىڭ ئارزۇسى> ۋە <ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش>، <ئەسلىمە>قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قۇياش، يۇلتۇز، چىراغ، ئوت قاتارلىقلارنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىپ يېنىش ھالىتى.
ئۆي ئىچىدە بىردىنلا <پال> قىلىپ چىراغ ياندى - دە، يەنە ئۇزىماي <لاپ> قىلىپ ئۆچتى.