UyghurMain Dictionary
نىكو
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىر 26-سۇلالىسى (سائىس سۇلالىسى) نىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 610 - 594) پىسامېتىك Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن، يۇنان ياللانما قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پەلەستىن، سۈرىيە ۋە لىۋانغا تاجاۋۇز قىلغان. ئاسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى قوللاپ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى بابىلونغا ھۇجۇم قىلغان. مىلادىدنن 605 يىل ئىلگىرى كارگېمىش جېڭىدە نېبۇچادنېزرار لەشكەرلىرىدىن يېڭىلگەن. چوڭ كېمىلەرنى ياساپ تەخمىنەن مىلادىدىن 600 يىل ئىلگىرى فېنىكىيە دېڭىزچىلىرىنى ئەۋەتىپ، تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق ئافرىقىنى ئايلىنىپ چىقىش دېڭىز سەپىرىنى تاماملىغان؛ يەنە نىل دەرياسى بىلەن قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان قانال قازدۇرغان (قۇرۇلۇش پۈتمىگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا يۈتكەن).