UyghurMain Dictionary
نىكوتېرا
دۇنيا تارىخى
(1828 - 1894) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتى ئەربابى، ماززىنچىلارنىڭ ئەزاسى. 1848-يىلى 5-ئايدا نېئاپول قوزغىلىڭى ۋە 1846-يىلى 5-ئايدا نېئاپول قوزغىلىڭى ۋە 1846-يىلى رىم جۇمھۇرىيىتىنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1857-يىلى پىساكانېنىڭ جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىشىغا قاتناشقان، كېيىن يەنەگارىبالدىغا ئەگىشىپ، 1860-يىلىدىكى جەنۇبىي ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىشقا، 1866-يىلىدىكى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش ۋە 1867-يىلدىكى رىمغا يۈرۈش قىلىشقا قاتناشقان. ئىتالىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پاىدىشاھپەرەسكە ئايلىنىپ كەتكەن. 1861-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئىككى قېتىم ئىچكى ئىشلاr ۋەزىرى (1876 - 1877، 1891 - 1892) بولۇپ، رادىكاللاr بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يىغىلىشىنى مەنئى قىلغان، ئىشچىلار تەشكىلاtىنى تارقىتىۋەتكەن ۋە ئىش تاشلاشقا قاتناشقۇچىلارنى سۈرگۈن قىلغان.