UyghurMain Dictionary
نىكولاس سىتوخ
دۇنيا تارىخى
ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى گېرمانىيىدىكى قايتا چوقۇندۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ رەھبىرى. ئەسلىدە زۋىكائۇ (ساكسونىيە چېگرىسى ئىچىدە) شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا نىمكار بولغان. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان قايتا چوقۇندۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ زۋىكائۇ شەھىرىدىكى ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشى مۇنزېرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1521-يىلى سىتوخ سۈرگۈن قىلىنىپ، ۋىتتېنبېرگ (ساكسونىيە چېگرىسى ئىچىدە) قا كۆچۈپ بارغان، ئۇزاق ئۆتمەي يەن خوف (باۋارىيە چېگرىسى ئىچىدە) قا كۆچۈپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈن - تىنسىز يوقىلىپ كەتكەن.