UyghurMain Dictionary
نىكىياس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 413 - 470) قەدىمكى ئافىنا سىياسىئونى، گېنېرال. دۆلەتمەن نىكېراتۇنىڭ ئوغلى. ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 100 تارانتون مال - مۈلكى بولغان. مۆتىدىل دېموكراتلاrدىن بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە پېرىكلىغا يېقىنلىشىپ، كۆپ قېتىم گېنېراللىققا سايلانغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا، سپارتا بىلەن كېلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇرۇشپەرەس كېلئونغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 421 يىل ئىلگىرى ئافىناغا ۋەكالىتەن سپارتا بىلەن <نىكىياس سۈلھ شەرتنامىسى> (50 يىللىق سۈلھ شەرتنامە) نى ئىمزالاپ، ئۇرۇش توختاتقان. ئالكىبىيادېس پۇقرالار قۇرۇلتىيىدا قايتىدىن ئۇرۇش باشلاپ، سىتسىلىيىگە يۈرۈش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاندا (مىلادىدىن 154 يىل ئىلگىرى)، قارشى پوزىتسىيىدە بولغان. تەۋەكۈلچىلىك بىلەن لەشكەر تارتىپ چىققاندا، ئافىنا زېمىنىغا خەۋپ يېتىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن ئۇنىڭ توغرا تەشەببۇسى قوبۇل قىلىنمىغان. مىلادىدىن 415 يىل ئىلگىرى پۇقرالار قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئالكىبىيادېس ۋە لاماكۇس بىلەن بىلە فلوتقا قوماندانلىق قىلىپ، سىتسىلىيىگە يۈرۈشقىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئالكىبىيادېسنى ئافىنا دائىلىرى قايتۇرپ كېلىپ سوراق قىلغان (گۇناھىدىن قورقۇپ سپارتاغا تەسلىم بولغان) دىن كېيىن، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ سىتسىلىيىدە ئۇرۇش قىلىپ يۈرۈپ، سىراكۇزنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، دەسلىپىدە ئازراق غەلىبە قىلغان. لاماكۇس قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز قوماندانلىق قىلغان، لېكىن ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن سپارتا ۋە كورىنتسنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ۋەزىيەت بىراقلا ئۆزگىرىپ كەتكەن. مىلادىدىن 413 يىل ئىلگىرى سۇراكۇ - سپارتا بىرلەشمە ئارمىيىسى ھۇجۇم قىلغان؛ دېموستېنې (ئافىنادىن ياردەمگە كەلگەن گېنېرال) ئەمەلىي كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چېكىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. نىكىياس ئارىسالدى بولۇپ قېلىپ، بىر قارارغا كېلەلمىگەن، قوشۇننى چېكىندۈرۈشكە قوشۇلغاندا، ئاي تۇتۇلغان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان (خۇراپاتتا پايدىسىز دەپ قارىلىدۇ)؛ نەتىجىدە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، قورشاۋغا چۈشۈپ قېلىپ، پۈتۈن قوشۇن گۇمران بولغان، دېموستېنې بىلەن ئەسىرگە چۈشۈپ قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. تۇكۇدىدىينىڭ <پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى> دېگەن ئەسىرىگە قارالسۇن.