UyghurMain Dictionary
نىگار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
رەسىم، سۈرەت تەسۋىر:
گۈزەل مەھبۇب، يار:
تەماشا قىلىپ باغۇ قەسرى ئەمار،
جەۋھارى نىگارۇ بارى زەرنىگار.
ئا. نىزارى.
شىئارى كافىرىستان بولسە جادى،
مەساجىدلاردا بۇتلارنىڭ نىگارى.
ناقىس.
2. ئول كىمسەگە كىم يار ئاڭا چىندۇر،
يوق چىنكى بىر نىگار چىندۇر.
گۈلشەن ئارا بەزم ئېتەرگە ئول ئەيلەسە ئەزم،
مەرغۇب ئاڭا چاي بىلە چىندۇر.
ئەرشى.
دەۋلەتى ئۇزەما ئىكەن ۋەسلىڭ نىگارىم بىلەدىم،
ۋەسلىڭە شۈكر ئەتمەدىم، ئەي گۇلئۇزارىم بىلمەدىم.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۈزەل؛ رەسىم، سۈرەت، تەسۋىر. شېئردا مۇنداق كەلگەن: ئىشتىكىل مۇرغى دانا دىلكەش ئەۋاز، نىگارىڭ بەزمى سارى ئەيلە پەرۋاز. (خىرقىتى).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل سۆيگەن كىشى، بىر - بىرىگە كۆيگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى.
<ئاشنا>، <ئاداش> كۆپىنچە خوتۇنلۇق ئەر ياكى ئەرلىك خوتۇن ياكى بويتاق، تۇل ئەر - ئاياللاردىن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
<دىلبەر>، <دىلدار>، <دىلرەبا> لار كىتابىي سۆزلەر، كلاس
بىر قول ئىككى ئىشنى قىلالماس زىنھار، بىر دىلغا سىغمايدۇ ھەرگىز ئىككى يار. يرىم چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئىككى ئالەمدە مېنىڭ نىگارىم بولسا يېنىمدا، بەس؛ يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۈرۇ غۇلمان كېرەك ئەمەس. جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما. ئاداش تاپتىم بازاردىن، خالاس بولدۇم قازادىن. باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا، دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا. دىلى كۆيگەنگە دىلرەبا بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. سۆيۈملۈك، گۈزەل يار، مەشۇق.
ئاسماندىكى ئايىمسەن، كۆڭلۈمدىكى يارىمسەن، سۆزلىرى ئەجەپ شېرىن، گۈل يۈزلۈك نىگارىمسەن.
ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
① يار، ② رەسىم، سۈرەت، تەسۋىر