UyghurMain Dictionary
ناشتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توغرىسى: نانۇشتا، ئەتىگەنلىك چاي - پاي، نان - پان.
ناشتا قىلمايلا كېلىۋىدىم، مانا ئازار يېدىم. ناشتا قىلغان ئەر ھارماس، شۈدىگەر قىلغان يەر. ئەتىگەنلىكنى توق يە، چۈشلۈكنى ياخشى يە، كەچلىكنى ئاز يە. ئەتىگەنلىكى ئۆزەڭ يە، چۈشلۈكنى دوستۇڭ بىلەن يە، كەچلىكنى دۈشمىنىڭگە بەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
سەھەردە ئورۇندىن تۇرۇپلا يېيىش ئۈچۈن تەييارلانغان نان - پان، چاي قاتارلىق يېمەكلىك؛ ئەتىگەنلىك تاماق.
ئۇ تراكتورنى قوشنا ئېتىزدا توختىتىپ قويۇپ، ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئۆيگە كەلدى.
ناشتا قىلغان ياكى قىلىدىغان ۋاقىت.
ئەتىسى تاھىر ئاكا سەھەر تۇرۇپ ماللىرىغا بوغۇز بەردى. ناشتىدىن كېيىن دۇكانغا باردى.