UyghurMain Dictionary
ناسېبى جېڭى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى پارلامېنت ئارمىيىسى بىلەن كورۇل ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ. 1645-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى نورتىھامپتۇن ۋىلايىتىدىكى ناسېبى ئەتراپىدا بولغان. چارلېس Ⅰ ئارمىيىسىنى باشلاپ مۇھاسىرە قىلىۋېلىنغان ئوكسفوردتىن چىقىپ كەتكەن. فېرفاكىس (1612 - 1671) بىلەن كرومۋېل يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيىنى باشلاپ، كورۇل ئارمىيىسىنىڭ ئارقىسىدىن ناسېبغىچە قوغلاپ كېلىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان، كورۇل ئارمىيىسى مەغلۇپ قىلىنىپ، 5000 ئەسكىرى ئەسىرگە ئېلىنغان. ھەممە توپ - زەمبىرەكلىرى ئولجا ئېلىنغان ھەمدە پادىشاھنىڭ چەت ئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن مەخپىي خەت - ئالاقىسى قولغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ جەڭ پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتىكى غەلبىسى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەن.