UyghurMain Dictionary
مۇقەررەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارار قىلىنغان، بولۇشى ئالدىن ئېنىقلاپ قارار قىلىنغان؛ بەر قارار؛ ئېنىق، سۆسىز:
بۇرەڭ تەشمىلەكىم مۇقەررەر ئىكەن،
خۇدادىن يېتىشكەن مۇقەددەر ئىكەن.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ھەرىكەتكە مۇئەييەنلىك بېرىدۇ.
چوققىغا چىقىمەن دېگەن ئادەم جەزمەن يول تاپالايدۇ. تۈن ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، چوقۇم تاڭ ئاتىدۇ. توپىلانغاننىڭ تارقىلىشى مۇقەررەر. ھەر قاچان دۈشمەندىن قاچقاندا لەشكەر، سۇلتانىغا يەتكەچ توختار مۇقەررەر. دوست بىلەن دۈشمەننى ئېنىق ئاجرىتىش مۇھىم مەسىلە. بىز سۆزسىز غەلبە قىلىمىز. بۇ پىلان شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ. دۈشمەننىڭ يېڭىلىشى، بىزنىڭ يېڭىشىمىز تەھقىق.ئىشىمىزنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى تۇرغان گەپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ۋۇجۇدقا كېلىشى، يۈز بېرىشى، ئەمەلگە ئېشىشى ئېنىق بولغان؛ شۈبھىسىز، تۇرغان گەپ، چوقۇم.
بىر ئەر كىشى ئالداشقا باشلىسىلا، كەينى - كەينىدىن يالغان ئېيتىشى مۇقەررەر.
قارار تاپقان، تايىن؛ تۇرغۇن ھالەتكە كەلگەن.
مۇقەررەر تەرتىپ.