UyghurMain Dictionary
مۇقەددىمە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باش سۆز، كىرىش سۆز.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئىلمىي، ئەدەبىي، مۇزىكا ۋە شۇ قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ كىرىش قىسمى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمنىڭ ئالدىدا شۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن دېرەك بېرىدىغان قىسمى.
«پرولوگ»، «دىباچە» لەر ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.
«مۇقەددىمە» باشقا ئىش - ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
«كىرىش» نى ياخشى يېزىش بىر ئەسەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. «بۆرە ئۇۋىسىدىكى بايلىق» نىڭ سۆز بېشى قىسقىلا، ئەمما پۈتۈن ئەسەرنىڭ نەدىن باشلىنىپ، نەدە تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرستىپ بەرگەن. كىتابنىڭ مەزمۇنى مۇقەددىمىسىدىن مەلۇم. مەغرۇرلۇق - پۇتلىششىنىڭ مۇقەددىمىسى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ ئالدىدا شۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن دېرەك بېرىدىغان قىسمى.
خاتىمە، ئاخىرقى سۆز
ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمى تۈگىگەندىن كېيىن ئومۇمىي مەزمۇنى يەكۈنلەپ بېرىلگەن قىسمى.
ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇقەددىمىسىدىن مەلۇم. <بۆرە ئۇۋىسىدىكى بايلىق> نىڭ <سۆز بېشى> قىسقىلا، لېكىن پۈتۈن ئەسەرنىڭ نەدىن باشلىنىپ، نەدە تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. كىرىشنى ياخشى يېزىش ناھايىتى مۇھىم. ئەسەرنىڭ خاتىمىسى يەكۈن خاراكتېرلىك بولىدۇ، <خاتىمە> قىسمىنى تاشلىماي ئوقۇش كېرەك. <ئاخىرقى سۆز> نى ياخشى يېزىش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىلمىي، ئەدەبىي، مۇزىكا، تىياتىر ئەسەرلىرى ۋە گەپ - سۆز، نۇتۇق قاتارلىقلارنىڭ كىرىش قىسمى، باشلىنىشى.
كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى. مۇزىكىنىڭ مۇقەددىمىسى.
كۆچمە. بىرەر ئىشنىڭ بېشى، دەسلەپكى باسقۇچى.
ئەتىكى توينىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابىدىكى بۇ ئۇسسۇل سورۇنى كەچ كىرگەنچە قىزىشقا باشلىدى.