UyghurMain Dictionary
مۇقەددەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەدىمكى، بۇرۇنقى، ئىلگىرى، ئالدىن:
بۇرنە ئۆتكەن ھەمە مۇقەددەملەر،
ئۇلەما، مەشايىخ ئەكرەملەر.
ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ۋاقىتىنىڭ باشلىنىش رېتى.
ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار. ئاۋۋال ئويلا، كېيىن سۆزلە. ئالدى بىلەن ئېتىڭنى تاقىلا، ئاندىن يول ياقىلا. ئاتا - ئانىنى خارلىغان ئىلگىرى باسماس. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز يامان. بالدۇر بولسۇن، كېيىن بولسۇن. گۆش بىلەن پىچاق دوست بولسۇن. ھەر ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بار. ھەقامساينىڭ قىزىنى كۆرۈڭ، دەسلىپىدە بەردى كۆڭۈل، ئاخىرىدا نازىنى كۆرۈڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەرەبچە
بۇرۇن، ئىلگىرى، ئالدىن، ئاۋۋال.
شۇنىڭ بىلەن بۇ خوتۇنلىرىنى يولغا سېلىۋېتىپ، ئىككى يىل مۇقەددەم يەنە بىر قىزغا ئۆيلىنىپتۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
رەھبەر، يېتەكلىگۈچى