UyghurMain Dictionary
مۇھەممەد بىننى بابۇيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(918 - 991) شىئە مەزھىپىدىكى ئۆلىما. قۇمدا دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە ئۆيىدە ئوقۇغان. چوڭ بولغاندىن كېيىن باشقا جايلارغا بېرىپ بىلىم تەھسىل قىلدى. 963 - يىلىدىن 978 - يىلىغىچە باغدات، كۇفە، مەككە، ماشخاد قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىئە مەزھىپىگە دائىر ھەدىسلەرنى توپلاپ، شىئە مەزھىپى ھۆرمەت قىلىدىغان <كۇتۇبى ئەربەئە> (تۆت ھەدىس شېرىپ) نىڭ ىرىنى تەييارلىدى. <دىننىڭ مۇكەممەللىكى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. رەيىندە ئالەمدىن ئۆتتى.