UyghurMain Dictionary
مۇھەممەد ئەلى جىنناھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1876 - 1948) ھىندىستان، پاكىستان قۇرۇقلۇقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيىسى. پاكىستاندا دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. كاراچىدا دۇنياغا كەلگەن. 1892 - يىلى ئەنگلىيىدىكى ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېىدا قانۇن ئوقۇدى. دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. 1913 - يىلىدىن باشلاپ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىلەن كونگرىس پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىشىشىغا كۈچ چىقاردى. 1920 - يىلى كونگرىس پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. 1927 - يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولدى. 1930 - يىلى كونگرېس پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىش ئاخىر بۇزۇلدى. 1934 - يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۆمۈرلۈك رەئىسى بولۇپ تەيىنلىنىپ، <ئۇلۇغ داھىي> دېگەن نامغا ئىگە بولدى. 1940 - يىلى ئەسەر يېزىپ <ئىككى مىللەت> نەزەرىيىسىنى بايان قىلىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندىلر ئوخشىمىغان قانۇن ۋە مەدەنىيەتتىكى ئىككى مىللەت. ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىياسىي گەۋدىسىنى قۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. 1947 - يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ تۇنجى ۋالىسى بولدى. 1948 - يىلى 9 - ئايدا كاراچىدا ئالەمدىن ئۆتتى.