UyghurMain Dictionary
مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىم ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئىبنى شىھاب زۇھرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان، ھەدىس رىۋايەتچىسى. قۇرەيش قەبىلىسىدىن. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مالىكنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان. مالىك ئۇ رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرگەن: <مەككە. مەدىنىنى ۋە ئېرۇسالىمدىكى مەسچىتلەرنى ھەج - تاۋاپ قىلىدىغان ئورۇن قىلىشقا بولىدۇ.> (بەزىلەر بۇ سۆزنى مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىم ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئىبنى شىھاب زۇھرى رىۋايەت قىلمىغان دەيدۇ). بۇ زات ھەر خىل كىشىلەردىن نۇرغۇن ھەدىسلەرنى يىغدى. ھەدىسلەرنى ھەممىدىن بالدۇر يېزىپ چىقتى. ھەدىسلەرنى تەھرىرلىگەندە ئەستايىدىل بولۇپ، ھەر تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى ھەمدە ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. بۇ زات ئىبنى ئىسھاقنىڭ ئۇستازى بولۇپ، ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر تەبەرى ئەسەرلىرىدە بۇ زات رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى ھەمىشە نەقىل كەلتۈردى. بۇ زات <كىتاب نەسەب قەۋمىھى> ناملىق كىتاب يازدى.