UyghurMain Dictionary
مودېرنىزم ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەت 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پەيدا بولۇپ، دىنىي ئەقىدە بىلەن پەن، ئىدراكنى مۇرەسسە قىلىشنى ئالاھىدىلىك قىلدى. ئىسلام دىنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىشنى مەقسەت قىلدى. ھەرىكەت ئىككى تارماققا بۆلۈندى: (1) جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقى. سەئىد ئەھمەد خاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالىكا مۇسۇلمانلار شەرق ئىنستىتۇتى (ھازىرقى ئالىكا مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرسىتېتى) نى مەركەز قىلدى. غەربتە تەربىيلەنگەن ۋە غەربنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان مۇسۇلمان زىيالىيلار كۆپ قاتناشتى. (2) مىسىر ۋە ئوتتۇرا شەرق. مۇھەممەد ئابدۇ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى رەشىد رىزانىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن مۇسۇلمان زىيالىيلىرى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئۇلار سىياسىي جەھەتتە ياۋروپانىڭ مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى؛ دىنىي ئىدىيە جەھەتتە، <قۇرئان كەرىم> نى، ھەدىسنى، شەرىئەتنى ئىلمىي، ئەقلىي قاراش بىلەن كۆزىتىپ، جانلىق تەپسىر قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن، ئىدراك ئايرىم ھەقىقەتنى تونۇيالايدۇ. ۋەھىي بولسا جىمى ھەقىقەتنى تونۇيالايدۇ، ئىدراك ۋەھىينى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. كونىلىققا يېپىشىۋېلىشقا قارشى تۇردى. <ئىجتىھاد> روھىنى تەشەببۇس قىلدى. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەۋلىيالارنى، مازار - ماشايىخلارنى تاۋاپ قىلىشنى تەنقىد قىلدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىدىكى روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇڭا <سەلەفىيەلەر> دەپمۇ ئاتالدى. ئاساسلىقى مائارىپ ئسىلاھاتى ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئىسلاھات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. مۇھەممەد ئابدۇ 1892 - يىلى مىسىر ھۆكۈمىتىگە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا دوكلات سۇندى. 1895 - يىلى 1 - ئايدا ئۇ ھۆكۈمەت ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ئىشلىرى كومىتېتىغا قاتنىشىپ، ئوقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىنى ۋە ئۆگىنىش مۇھىتىنى ياىشىلىدى. دەرسلەرنى تەڭشەپ، ماتېماتىكا، گېئومېتىرىيە، جۇغراپىيە، يېزىقچىلىق، گرامماتىكا، ئىسلام تارىخى قاتارلىق پەنلەرنى قوشتى، يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ۋە ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقتى. كۇتۇپخانىنى باشقۇرۇش ۋە كۇتۇپخانىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتتى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى. كېيىن مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا، مىسىر ھۆكۈمىتى مۇھەممەد ئابدۇنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىغا قارىتا قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتتى. مۇھەممەد ئابدۇ 1905 - يىلى 3 - ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى، ئىسلاھات يېرىم يولدا توختاپ قالدى. كېيىن رەشىد رىزا <مۇنار> ژۇرنىلى ئارقىلىق ئۇستازىنىڭ دىنىي ئىسلاھات تەشەببۇسىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى دىنىي ساھەدىكىلەر ئىچىدە ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇدېرنىزم ئىسلاھاتچىلىرى باش كۆتۈردى. تۈركىيىدىكى مۇستاپا كامال ئىنقىلابى (1910 - 1924) دىن كېيىن، ئىسلاھاتچىلار ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشتىن بىراقلا بىزار بولغاچقا، ئىچكى جەھەتتە بۆلۈنۈش بولدى. رەشىد رىزا باشچىلىقىدىكى ئاساسىي ئېقىمدىكىلەر پان ئىسلامىزم ۋە ئەنئەنىچىلىككە يۈزلىنىپ، ئىسلاھات تەشەببۇسىدىن ۋاز كەچتى. بۇ ئىش مۇدېرنىزم ھەرىكىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى.