UyghurMain Dictionary
مودا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەت، بولۇپمۇ كىيىم - كېچەكنىڭ كۆپچىلىك قوبۇل قىلغان شەكلى.
مودا قوغلىشىش بىر خىل يامان ئادەت، چۈنكى مودا قوغلاشقۇچىلارنىڭ جامالى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. دوكلاتتىن كېيىن، <كۆپچىلىككە رەھمەت> دېيىش ھازىر خېلى مودا بولۇپ قالدى. جىلىتكەڭنىڭ فورمىسىنى ئېلۋالسام، بېرىپ تۇرساڭ. يېپى پاسوندا كۆڭلەك كىيگەن بىر قىز كوچىدا مەغرۇر كېتىۋاتاتتى. بۇ چاپاننىڭ ياڭزىسى خېلى ياخشى ئىكەن. يىراق يەرنىڭ گېپى ھەر ياڭزا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
مەلۇم بىر دەۋردە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ دەۋر سۈرگەن، بازار تاپقان ھەم كەڭ تارقالغان تۈرلۈك ئادەت، كىيىم - كېچەك ۋە شۇ قاتارلىقلار.
مۇشۇنداق قارىسىغا ھۆكۈم قىلىش بىزدە ھازىر مودا بولۇپ قالدى.
شەكىل، پاسون، ياڭزا.
سائادەت قىزىغا يېڭى مودىدا يوپكا تىكىپ بەرگەنىدى.