UyghurMain Dictionary
مودېل
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كىيىم پىچىش، تىكىشتە ئىشلىتىلىدىغان ياكى رەسىم سىزىش ۋە ھەيكەلتىراشتا شەكىل ئوبيېكتى قىلىنغان ھەيكەل، يالىڭاچ ئادەملەر مودېل دېيىلىدۇ. ئۇ رەسىم سىزىش، ھەيكالتىراش ماھارىتىنى مەشق قىلىش ھەمدە ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشقا پايدىلىنىدىغان نىشان.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە، مودېل پروتوتىپمۇ دېيىلىدۇ. پروتوتىپ، يازغۇچىنىڭ پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىشتا ئاساسلانغان رېئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ئادەم بولۇپ رەسساملىق ۋە ھەيكالتاراشلىقتىكى مودېلگە ئوخشىتىلىدۇ. ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى پروتوتىپ مودېلىغا پۈتۈنلەي ئوخشىشىپمۇ كەتمەيدۇ. مودېل مەيلى ھەيكەل ياكى يالىڭاچ ئادەم بولسۇن. ئۇ بەرىبىر ھەرىكەتسىز ھالەتتە تۇرىدۇ. پروتوتىپ بولسا ھەرىكەتچان، جانلىق بولىدۇ. (ئاتالغۇلارنىڭ «پروتوتىپ» ئىزاھىغا قاراڭ. )
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم شەيئىنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى ياكى قىلىندىغان ئىش - ھەرىكىتىنىڭ نۇسخىسى.
سوتسىيالىزىمنىڭ ھەممە ئەلگە باپ كېلىدىغان ئەندىزىسى يوق. ئۆتنىگە لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت. ئانىدىن قىڭغىر تۇغۇلغاننى تېزگە سالساڭمۇ تۈزەلمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماگىزىنلاردا، كىيىم تىككۈچى فابرىكىلاردا كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئادەم شەكلىدە ياساپ قويۇلغان قېلىپ.
ھازىر بىرنىڭ ماگىزىنلاردىمۇ مانېكېنلار كۆپىيىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
بىرەر نەرسىنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشىنى بەلگىلىك ماسشتاب بويىچە كىچىكلىتىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان خۇددى شۇ نەرسىنىڭ ئۆزىدەك نەرسە، شەكىل.
ئايروپىلان مودېلى. پاراخوت مودېلى.
<گ سەن> رەسىم سىزىش، فوتو سۈرەت تارتىش ۋە ھەيكەلتاراشلىقتا شەكىل ئوبيېكتى قىلىنغان ھەيكەل، ئادەم ۋە باشقا نەرسىلەر.
مودا كىيىم كۆرەكلىرىدە، كىيىم پاسونلىرىنى كىيىپ تۇرۇپ ئاممىغا كۆرسىتىدىغان كىشىلەر.