UyghurMain Dictionary
مىكروسكوپ
فىزىكا بىلىملىرى
2000 نەچچە يىللار ئىلگىرى، جۇڭگودىكى »موزى كالامى« دا پېتىنغۇ ئەينەك (پېتىنغۇ سىنئەينەك) ئارقىلىق دۈم كۆمتۈرۈلگەن كىچىكلىتىلگەن بىر تەسۋىر بىلەن چوڭايتىلغان ئوڭ بىر تەسۋىرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ جىسىمنىڭ چوڭايتىلغان ۋە كىچىكلىتىلگەن تەسۋىرلىرىنى ھاسىل قىلىش ھەققىدىكى ئەڭ بالدۇرقى تونۇشى ئىدى.1590 - يىلى J · يونسىچىن بىلەن Z · يونسىچىن ئاكا - ئۇكىلار دۇنيادىكى ئەڭ بالدۇرقى مىكروسكوپنى كەشىپ قىلغان.1610 - يىللىرى ئەتراپىدا گالىلېي ئىككى دەرىجە چوڭايتىدىغان مىكروسكوپنى تۇنجى بولۇپ كەشىپ قىلدى. ئارقىدىنلا گوللاندىيىلىك لېۋىنخوك200 نەچچە ھەسسىدىن ئارتۇق چوڭايتىدىغان مىكروسكوپنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ مىكروسكوپ ئارقىلىق، كىشىلەر باكتېرىيە قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملاردىن تەشكىل تاپقان مىكرو دۇنيانى بايقىدى. پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل ئوپتىكىلىق مىكروسكوپلار، ئۇلترا ئاۋازلىق مىكروسكوپلار، ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، گۈللەنگەن مىكروسكوپ تەبىقىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مىكرو دۇنيانى كۆزىتىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان كۆزىگە ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئوپتىكىلىق مىكروسكوپلار كەڭ قوللىنىلماقتا، ئوپتىكىلىق مىكروسكوپ ئادەتتىكى مىكروسكوپ، ستېرېئولۇق مىكروسكوپ، مېتاللوگرافىيىلىك مىكروسكوپ، ئىنتېرفېرېنسىيىلىك مىكروسكوپ ۋە يالتىراق نۇرلۇق مىكروسكوپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارى جەھەتلەردە ئوخشاشمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ئوخشاش.
ئوپتىكىلىق مىكروسكوپنىڭ ئاساسلىق دېتاللىرى ئەينەك سىلىندىرنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئورنىتىلغان ئىككى گۇرۇپپا لىنزىدىن ئىبارەت، ھەربىر گۇرۇپپا لىنزىنىڭ رولى بىر كۆپۈنگۈ لىنزىغا تەڭداش كېلىدۇ. جىسىمغا توغرىلىنىدىغان بىر گۇرۇپپا لىنزا ئوبيېكتىپ (جىسىم ئەينىكى)، كۆزگە يېقىن توغرىلىنىدىغان بىر گۇرۇپپا لىنزا ئوكۇليار (قاراش ئەينىكى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوبيېكتىپنىڭ رولى كۆزىتىلىدىغان جىسىمنىڭ چوڭايتىلغان دۈم كۆمتۈرۈلگەن بىر ھەقىقىي تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوكۇليار ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چوڭايتىپ مەۋھۇم تەسۋىر ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، مىكروسكوپ ئارقىلىق ئەڭ ئاخىر كۆرۈنگىنى كۆزىتىلىدىغان جىسىمنىڭ دۈم كۆمتۈرۈلگەن مەۋھۇم تەسۋىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. زامانىۋى ئوپتىكىلىق مىكروسكوپلار جىسىمنىڭ تەسۋىرىنى2 ~3 مىڭ ھەسسە چوڭايتالايدىغان بولغاچقا، مۇنداق مىكروسكوپلار ئارقىلىق جىسىمنىڭ ئون مىڭدىن بىر مىللىمېتىر ئەتراپىدىكى ئىنچىكە تۈزۈلۈشىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
يورۇقلۇق ئۆتكۈزمەيدىغان جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىنچىكە تۈزۈلۈشلەرنى كۆزەتكىلى بولىدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئالىملار20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا ئۇلترا ئاۋازلىق مىكروسكوپنى كەشىپ قىلدى، بۇ قىسقىچە ئاۋاز ئەينىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يورۇقلۇق دەستىسىنىڭ ئورنىغا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى دەسسىتىلگەن بىر خىل مىكروسكوپتىن ئىبارەت، ئۇ ئارقىلىق جانلىقلار توقۇلمىلىرىنىڭ كەسلەنمىسى ياكى ئەۋرىشكىسىنى كۆزىتىشتە نۇر ئۆتكۈزۈش، بوياش ھاجەتسىز، ئەۋرىشكىگە زىيان يەتمەيدۇ، دەل ۋاقتىدا كۆزەتكىلى بولىدۇ، ئوپتىكىلىق مىكروسكوپتا كۆزەتكىلى بولمايدىغان ئەۋرىشكىنىڭ ئىچكى قىسىم ئىنچىكە تۈزۈلۈشىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. تىرىك تەننى كۆزىتىشكە بولىدۇ، چوڭايتىش ھەسسىلىك سانى بەش مىڭ ھەسسە ئەتراپىغا يېتىدۇ. ئۇ ئارقىلىق جىسىمنىڭ يۈز مىڭدىن بىر مىللىمېتىر ئەتراپىدىكى ئىنچىكە تۈزۈلۈشىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ كىچىك ئىنچىكە ھالقىلىرىنى كۆزىتەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن، ئالىملار20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدا ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپنى كەشىپ قىلدى، بۇ قىسقىچە ئېلېكترونلۇق ئەينەك دېيىلىدۇ. ئۇ يورۇقلۇق دەستىلىرىنىڭ ئورنىغا يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدىغان ئېلېكترون دەستىلىرى ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مىكروسكوپتىن ئىبارەت. تۈزۈلۈش ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرى بولىدۇ، يەنى ئۇ ئۆتكۈزگۈچى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ، يۇقىرى پەرقلەندۈرۈشچانلىققا ئىگە ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ۋە تەسۋىر يېيىپ ئۆتكۈزگۈچى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنداق مىكروسكوپلار جىسىمنى3 مىليون ھەسسىدىن ئارتۇق چوڭايتالايدۇ، بۇ، دىئامېتىرى 2m كېلىدىغان گاز شارىنى يەر شارىدەك چوڭايتقانغا تەڭداش كېلىدۇ. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئارقىلىق ئاتومنى دانە - دانە ھور نانلىرى چوڭلۇقىدا چوڭايتىپ، ئۇنى ئېنىق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ، كىشىلەرنىڭ مىكرو دۇنياغا بولغان كۆزىتىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
بىئولوگىيە
تولۇق ئىسمى ئوپتىك مىكروسكوپ. مىكرو جانلىقلار ياكى جانلىقلار تېنىنىڭ ئچىكى قىسىمىدىكى ئىنچىكە تۈزۈلۈشلەرنى كۆزىتىدىغان بىر خىل ئوپتىك ئەسۋاب. ئۇ ئاساسەن ئوبيېكتۋ ۋە ئوكۇلياردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا لېنزا بىلەن يورۇقلۇق مەنبەسىدىن تۈزۈلگەن ئوپتىك سىستېما ۋە بۇ ئوپتىك سىستېمىسىنى قۇراشتۇرىدىغان، تەڭشەيدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما (ئاساسەن تەگلىك، بويۇن، بۇيۇم تاختىسى، تۇرۇبا، ئوبيېكتىۋنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ۋە فوكۇس تەڭشەش قۇرۇلمىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتىكى ئوپتىك مىكروسكوپلار نۇرنى يورۇتۇش مەنبەسى قىلىپ، ئوپتىك لىنزىلاردىن پايدىلىنىپ جىسىم سۈرئىتىنى چوڭايتىدۇ. كۆزىتىش ۋاقتىدا، ئالدىن تەييارلاپ قويغان جانلىق ماتېرىيالنى بۇيۇم ئەينىكىگە چاپلاپ، ئۇنى مىكروسكوپنىڭ بۇيۇم تاختىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئاستىدىن يورۇقلۇق بەرگەندە نۇر ماتېرىيالنى تېشىپ ئۆتۈپ ئوبيېكتۋ ۋە ئوكۇلياردا چوڭىيىدۇ، ئىككى گۇرۇپپا لېنزىنىڭ فۇكۇس نۇقتىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق، ئوكۇليارنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدە جىسىمنىڭ چوڭايتىلغان سۈرئىتى كۆرۈنىدۇ. ئادەتتىكى ئوپتىك مىكروسكوپ جىسىمنىڭ سۈرىتى كۆرۈنىدۇ. ئادەتتىكى ئوپتىك مىكروسكوپ جىسىمنىڭ سۈرىتىنى تەخمىنەن 1000 ھەسسە چوڭايتالايدۇ. ئۇنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ياكى پەرقلەندۈرۈش ئۈنۈمى 4.0 مىكرو مېتر بولىدۇ. ئەڭ ياخشى ئوپتىك مىكروسكوپنىڭ پەرقلەندۈرۈش چېكى 2.0 مىكرو مېتر، چوڭايتىش ھەسسىلىكى 2 - 3 مىڭ ھەسسە. ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل مىكروسكوپلار ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق مىكروسكوپ، فلۇئورېتسېئىنلىق مىكروسكوپ، X نۇرلۇق مىكروسكوپ، پەرقلەندۈرگۈچى مىكروسكوپ، پوليارىسكوپ، ئىنتېرفېرېنسىيىلىك مىكروسكوپ قاتارلىقلار. ھەر خىل مىكروسكوپلار بىئولوگىيە، مېدىتسىنا، يېزا ئىگىلىك ھەمدە رۇدا ئېرىتىش، تالا، ماشىنىسازلىق سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
ناھايىتى كىچىك جىسىملارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ئوپتىك ئەسۋاب.