Uyghur←ChineseMain Dictionary
مىكروسكوپ
Domain: بىئولوگىيە显微镜
xiǎnwēijìng
تولۇق ئىسمى ئوپتىك مىكروسكوپ. مىكرو جانلىقلار ياكى جانلىقلار تېنىنىڭ ئچىكى قىسىمىدىكى ئىنچىكە تۈزۈلۈشلەرنى كۆزىتىدىغان بىر خىل ئوپتىك ئەسۋاب. ئۇ ئاساسەن ئوبيېكتۋ ۋە ئوكۇلياردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا لېنزا بىلەن يورۇقلۇق مەنبەسىدىن تۈزۈلگەن ئوپتىك سىستېما ۋە بۇ ئوپتىك سىستېمىسىنى قۇراشتۇرىدىغان، تەڭشەيدىغان مېخانىكىلىق قۇرۇلما (ئاساسەن تەگلىك، بويۇن، بۇيۇم تاختىسى، تۇرۇبا، ئوبيېكتىۋنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ۋە فوكۇس تەڭشەش قۇرۇلمىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتىكى ئوپتىك مىكروسكوپلار نۇرنى يورۇتۇش مەنبەسى قىلىپ، ئوپتىك لىنزىلاردىن پايدىلىنىپ جىسىم سۈرئىتىنى چوڭايتىدۇ. كۆزىتىش ۋاقتىدا، ئالدىن تەييارلاپ قويغان جانلىق ماتېرىيالنى بۇيۇم ئەينىكىگە چاپلاپ، ئۇنى مىكروسكوپنىڭ بۇيۇم تاختىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئاستىدىن يورۇقلۇق بەرگەندە نۇر ماتېرىيالنى تېشىپ ئۆتۈپ ئوبيېكتۋ ۋە ئوكۇلياردا چوڭىيىدۇ، ئىككى گۇرۇپپا لېنزىنىڭ فۇكۇس نۇقتىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق، ئوكۇليارنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدە جىسىمنىڭ چوڭايتىلغان سۈرئىتى كۆرۈنىدۇ. ئادەتتىكى ئوپتىك مىكروسكوپ جىسىمنىڭ سۈرىتى كۆرۈنىدۇ. ئادەتتىكى ئوپتىك مىكروسكوپ جىسىمنىڭ سۈرىتىنى تەخمىنەن 1000 ھەسسە چوڭايتالايدۇ. ئۇنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ياكى پەرقلەندۈرۈش ئۈنۈمى 4.0 مىكرو مېتر بولىدۇ. ئەڭ ياخشى ئوپتىك مىكروسكوپنىڭ پەرقلەندۈرۈش چېكى 2.0 مىكرو مېتر، چوڭايتىش ھەسسىلىكى 2 - 3 مىڭ ھەسسە. ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل مىكروسكوپلار ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق مىكروسكوپ، فلۇئورېتسېئىنلىق مىكروسكوپ، X نۇرلۇق مىكروسكوپ، پەرقلەندۈرگۈچى مىكروسكوپ، پوليارىسكوپ، ئىنتېرفېرېنسىيىلىك مىكروسكوپ قاتارلىقلار. ھەر خىل مىكروسكوپلار بىئولوگىيە، مېدىتسىنا، يېزا ئىگىلىك ھەمدە رۇدا ئېرىتىش، تالا، ماشىنىسازلىق سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
Domain: ئۇنىۋېرسال(ئى)
xiǎn wēi jìng
显微镜
پوچتا - تېلېگراف,ماشىنىسازلىق,ئۇنىۋېرسال,ئېلېكترون، ئۇچۇر,گىئولوگىيە,تاشيول قۇرۇلۇشى,ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق,خىمىيە,مائارىپ,تېببىي,فىزىكا,تەبىئىي جۇغراپىيە
显微镜
xiǎn wēi jìngDپارقازان، بېسىملىق باك
微观
wēi guānDپارقازان، بېسىملىق باك
显微镜,微观
xiǎn wēi jìng ,wēi guān
GetWord Corpus
9显微镜
xiǎn wēi jìng
显微镜
xiǎn wēi jìng
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.