UyghurMain Dictionary
مىكروبىئولوگىيە
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى، يۆنىلىشى، ئېكولوگىيىسى، ئۆسۈپ كۆپىيشى، ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك بىئوخىمىيىسى قاتارلىق ھاياتلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەمدە مىكرو ئورگانىزملار ۋە مىكرو ئورگانىزملار بىلەن باشقا جانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ مەقسىتى، پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، زىيانلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆزگەرتىش، كونترول قىلىش ۋە يوقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. مىكرو بىئولوگىيىسىنى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشىگە ئاساسەن، سانائەت مىكرو بىئولوگىيىسى، يېزا ئىگىلىك مىكرو بىئولوگىيىسى، مېدىتسىنا مىكروبىئولوگىيىسى، مال دوختۇرلۇق مىكرو بىئولوگىيىسى، يېمەكلىكلەر مىكرو بىئولوگىيىسى، سۈت مەھسۇلاتلىرى مىكرو بىئولوگىيىسى، نېفىت مىكرو بىئولوگىيىسى، دېڭىز ئوكيان مىكرو بىئولوگىيىسى قاتارلىق تارماق پەنلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ مىكرو بىئولوگىيە تەتقىق قىلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىگە ئاساسەن ئومۇمىي مىكرو بىئولوگىيە، مىكرو ئورگانىزملار تاكسونومىيىسى، مىكرو ئورگانىزملار فىزىئولوگىيىسى، مىكرو ئورگانىزملار ئېكولوگىيسى، مىكرو ئورگانىزملار ئىرسىيىتى قاتارلىقلار تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ: تەتقىق قىلىش ئوبيېكىتىنىڭ تۈرىگە ئاساسەن، باكتېرىئولوگىيە، مىكرولوگىيە ۋە ۋىرولوگىيە قاتارلىق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىئولوگىيە
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، كلاسسىفىكاتسىيىسى، ئىرسىيەت ئۆزگىرىشچانلىقى، بىئوخىمىيىلىك، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ھايات پائالىيىتى قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.