UyghurMain Dictionary
ماسكانى
دۇنيا تارىخى
(1863 -1945) ئىتالىيىلىك ئوپېرا كومپوزىتورى. لېئورندىكى بىر بولكىچى ئائىلىدە تۇغۇلغان. باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن مىلان مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپتىن ئايرىلىپ، بىر كىچىك ئوركىستىرغا قاتنىشىپ دىرىژورلۇق قىلغان. 1889-يىلى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مۇكاپات ئالغان. 1890-يىلى ۋېرگاس يازغان سەھرا ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن ئوپېرا <سەھرالىق رىتسار> نى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان. كۆپ قېتىم ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. 1902 - 1895-يىللىرى روزنى ئانسانبىلىنىڭ باشلىقى بولغان. 1929-يىلى ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ 15 دەك ئوپېرا ئىشلىگەن. ئەسەرلىرىدە مۇزىكىنىڭ دارامىلىق ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرگەن، قىزغىن، كەسكىن بولۇپ، كۆپرەك تۆۋەن تەبىقە خەلقىنىڭ ھاياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ 19 - ئەسرىنىڭ ئاخرىدىكى ئىتالىيىدە بارلىققا كەلگەن چىنلىق ئوپېراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سىمفونىيىلىك مۇزىكا، سىمفونىيە، ئۆي ۋە چېركاۋلاردا ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلىرىمۇ بار. ئۇ، مۇسسۇلىننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان، بىراق 60-يىللاردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يەنە ئىتالىيىدە تارقىلىشقا باشلىغان.