Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماسكانى
دۇنيا تارىخى
玛斯卡尼
mǎ sī kǎ ní
(1863 -1945) ئىتالىيىلىك ئوپېرا كومپوزىتورى. لېئورندىكى بىر بولكىچى ئائىلىدە تۇغۇلغان. باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن مىلان مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپتىن ئايرىلىپ، بىر كىچىك ئوركىستىرغا قاتنىشىپ دىرىژورلۇق قىلغان. 1889-يىلى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مۇكاپات ئالغان. 1890-يىلى ۋېرگاس يازغان سەھرا ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن ئوپېرا <سەھرالىق رىتسار> نى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان. كۆپ قېتىم ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. 1902 - 1895-يىللىرى روزنى ئانسانبىلىنىڭ باشلىقى بولغان. 1929-يىلى ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ 15 دەك ئوپېرا ئىشلىگەن. ئەسەرلىرىدە مۇزىكىنىڭ دارامىلىق ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرگەن، قىزغىن، كەسكىن بولۇپ، كۆپرەك تۆۋەن تەبىقە خەلقىنىڭ ھاياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ ⅨⅩ ئەسرىنىڭ ئاخرىدىكى ئىتالىيىدە بارلىققا كەلگەن چىنلىق ئوپېراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سىمفونىيىلىك مۇزىكا، سىمفونىيە، ئۆي ۋە چېركاۋلاردا ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلىرىمۇ بار. ئۇ، مۇسسۇلىننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان، بىراق 60-يىللاردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يەنە ئىتالىيىدە تارقىلىشقا باشلىغان.