UyghurMain Dictionary
ماسسالىيە
دۇنيا تارىخى
ماسسىلىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇي. قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ مۇستەملىكە شەھىرى. ناربوننى گاللىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان، يەنى بۈگۈنكى فرانسىيىنىڭ مارسېل شەھىرى. تەخمىنەن مىلادىدىن 600 يىل ئىلگىركى كىچىك ئاسىيادىكى پوكائا شەھىرىنىڭ كۆچمەن ئاھالىسى قۇرغان. يەر تۈزۈلۈشى ئەۋزەل بولغاچقا،تېزلىكتە تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدىكى مۇھىمن سودا پورتىغا ئايلانغان. تەسىر كۈچى پەيدىنپەي كېڭىيىپ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە ئەتراپى) ۋە ئىسپانىيىنىڭ دېڭىز بويلىرىدا مۇستەملىكە قۇرۇپ، ئانتىپولىس، نىكائېئا قاتارلىق شەھەرلەرنى قۇرغان. دېڭىز ئۇرۇشىدا كۈچلۈك دۆلەت كارفاگىن (شىمالى ئافرىقا) غا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قالغان. رىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى)، رىمنى قوللىغان. رىم ناربوننى گالىيىنى ئىشغلا قىلغاندىن كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى)، رىمنىڭ تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئاپتونومىيىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويغان. ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلۇپ، 600 كىشىدىن تەركىب تاپقان سېناتنى تەشكىل قىلىپ، ئۇنى تىمۇچى دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن 15 نەپەر باشلىق سايلاپ كومىتېت تەشكىللەپ، كۈندىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان (ئۈچ كىشىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ھاۋالە قىلىنغان). ئوماي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، بولۇپمۇ كىچىك ئاسىيا رايونىدا (ئېپېسوس) ئومۇميۈزلۈك چوقۇنىدىغان ئايال ئىلاھ ئارتېمىسقا ئېتىقاد قىلغان. نەچچە يۈز يىل داۋامىدا ماسسالىيە مەزكۇر رايوندا ئۆز تەسىرىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن. رىمنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە پومپېئۇسنى قوللاپ، كائېسارغا قارشى تۇرغان (مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى)، كېيىن كائېسارغا بېقىنغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالدىنقى مەزەىلىدە مەدەنىيەت جەھەتتە (مەسىلەن، ئەدەبىيات پەلسەپە جەھەتتە) بىرمەھەل جانلانغان بولسىمۇ، لېكىن كۈندىن - كۈنگە ئىلگىرىكى مۇھىملىقىنى يوقىتىپ قويغان.