UyghurMain Dictionary
مارتوۋ
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1923) ئەسلى ئىسمى سېدېربائۇم رۇلىي ئوسپوۋىچ. روسىيە مېنشېۋىكلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئىلگىرى پېتېربۇرگ ئىشچىلار سىنىپى ئازادلىق كۈرىشى جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، <ئىسكرا> گېزىتىنىڭ تەھرىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1903 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيىدا ئاغمىچىلىق پارتىيە نىزامنامىسى ماددىسىنى (ھەرقانداق كىشى ئىسمىنى يازسا ئۆزلىكىدىن پارتىيىگە كىرگەن بولىدۇ، پارتىيە تەشكىلىگە قاتنىشىشنىڭ ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا بويسۇنۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دېگەننى تەشەببۇس قىلغان) ئوتتۇرغا قويۇپ، لېنىننىڭ پارتىيە قۇرۇش پرىنسىپىغا قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن مېنشېۋىكلارنى شەكىللەندۈرگەن. ستولپىن ئەكسىيەتچىلىكى يىللىرىدا، مېنشېۋىك لېكۋىداتورلىرىنىڭ باشلىقى ۋە <ئاۋغۇست پارتىيىگە قارشى ئىتتىپاقى> تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن زىممىرۋالد يىغىنى ۋە كېنتال يىغىنىغا قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوېت ھاكىمىيىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، 1920 - يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ ئىككى يېرىمىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشقا ئىشتراك قىلغان. ئۇنىڭ <روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.