UyghurMain Dictionary
مارتىن لۇتېر
دۇنيا تارىخى
(1483 - 1546). 17 - ئەسىردىكى گېرمانىيەنىڭ دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى. خرىستىئان دىنىدىن بولغان لۇتېر مەزھىپى (پروتېستانتنىڭ بىر تارمىقى) نىڭ ئاساسچىسى. ئېسلېنېن (سابىق دېموكراتىك گېرمانىيەنىڭ غەربىي - جەنۇب قىسمى) دىكى بىر كان ئىگىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ماگدېبۇرگ (ۋە ئېسېناچلار) دا ئوقۇغان. 1501 - يىلى ئېرفورت داشۆسىدە قانۇنچىلىقنى ئۆگەنگەن ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلەر بىلەنمۇ ئارىلىشىپ تۇرغان. 1507 - يىلى مىسسىئونېر بولغان. 1508 - يىلى ئېرفۇرت داشۆسىدە پەلسەپە ئوقۇغان. 2151 - يىلى ئىلاھىيەت دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان ھەمدە ۋىتتېنبېرگ داشۆسىدە ئىلاھىيەت پروفېسسورى بولغان. 1517 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى پاپانىڭ گۇناھتىن ساقىت قىلىش سۈرىسىنى سېتىشقا ھۇجۇم قىلىدىغان <95 ماددىلىق پروگرامما> نى ئېلان قىلغان. 1520 - يىلى يەنە <گېرمان خرىستىئان ئاقسۆڭەكلىرىگە مەكتۇپ>، <چېركاۋدىكى بابىلون مەھبۇسلىرى>، <خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدە> قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىسى: مىسسىئونېر - ئادەم بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىچى ئەمەس، مۇخلىسلار مىسسىئونېرلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ھەرخىل دىنىي مۇراسىملار (مۇقەددەس ئىشلار) ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى پەقەت ئېتىقادقا تايانغاندىلا ئاندىن روھىي قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. <تەۋرات> نىڭ نۇپۇزىنى تەكىتلەپ، پاپا ئېلان قىلغان پەرمان، ئېلان ۋە دىنىي يىغىنلاردا ماقۇللانغا قارارلارغا سەل قارىغان ھەمدە ھەربىر مۇرىتنىڭ <ئىنجىل> نى ئۇقۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. مۇشۇ ئاساستا قۇرۇلغان پاك چېركاۋدا مەرتىۋە - دەرىجە تۈزۈمى ۋە چاكىنا قائىدە - يوسۇنلار يوق بولغاچقا، بۇ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە چېركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى بېيىتىشنىڭ كويىدا بولغان دەھرىي كىنەزلىكلەرنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن. 1521-يىلى 5-ئايدا مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ ۋورمىستا ئىمپېرىيە يىغىنى چاقىرىپ مارتىن لۇتېرنى غەريرىي بىدئەت دەپ جاكارلىغان (ۋورمىس پەرمانىغا قاراڭ). كېيىن ساكسونىيىدىكى كورۇل سايلىغۇچى كىنەزلەر تۇرۇشلۇق ۋارتېۇرگقا بېرىپ <ئىنچىل> نى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. بۇ نېمىس تىلىنى راۋالاندۇرۇشقا تۆھپە قوشقان. گېرمانىيىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئاشكارا ھالدا كىنەزلەر تەرەپكە ئۆتكەن.