UyghurMain Dictionary
مارتىن لۇتېركىڭ
دۇنيا تارىخى
(1929 - 1968) ئامېرىكا نېگىر خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. پاستېر 1954-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا رەڭلىك ئىرقلار ھەمكارلىشىپ ئىلگىرىلەش جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 5195-يىلى ئالاباما شتاتى مونتگومېرى شەھىرىدە مەزكۇر شەھەردىكى كوچا ئاپتوبۇسلىرىدىكى ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئاپتوموبىل شىركىتىنى بۇ خىل تۈزۈمنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر قىلغان ھەمدە نېگىر شوپۇر ئىشلىتىشكە ماقىۇل قىلغان. 1957-يىلى جەنۇبىي خرىستىئان دىنى داھىيىلىرى رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1958-يىلى جەنۇبتىكى 12اساسلىق شەھەردە يىغىلىش ئۇيۇشتۇرۇپ، نېگىرلارنى پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلغان. 1963-يىلى 8-ئايدا، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا بىر قېتىم 250 مىڭ كىشىلىك يىغىلىش تەشكىللەپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۆرۇپ، ئىرقىي باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلغان. 1964-يىلى جونسون زۇڭتۇڭنى پۇقرالار ھوقۇقى قانۇن لايىھىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇ ئىزچىل تۈردە غەيرىي زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرگەن. 1968-يىلى 3-ئايدا نامراتلار <يۈرۈشى> تەشكىللەپ، تېننېس شتاتىنىڭ مېمپىس شەھىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئىرقچى ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.