UyghurMain Dictionary
مارش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر - قوشاق بىلەن كۈي ئاھاڭنىڭ بىرىكمىسى. <ئېيتماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ. كىشىلەر بەلەن ئاۋاز بىلەن ئېيتىدۇ.
<ناخشا> ئومۇمىي نام.
<غەزەل> قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
<شەرق> 30 - يىللاردا ئوقۇغۇچىلار ناخشىسىنى كۆرسىتەتتى.
<مارش> قوشۇن يۈرۈش قىلغاند
يىغلاپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ناخشا ئېيتىپ ئۆلگەن ئەلا. ناخشا ياڭرىغان يەردە ھاياتنى نەس باسماس. يېڭىدىن غەزەل چىقتى، ئېيتالماي جېنىم چىقتى. غەزەلنى باشلىماق تەس. <بىز ئىزچىلار بىز> دېگەن شەرقنى 30 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئېيتاتتى. <پىدائىيلار مارشى> ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ گېمىنى.
ئۆلەن:
ھاي - ھاي ئۆلەن، جان ئۆلەن، ئۆلەن كۆپتۈر، يار - يار.
ئۆلەن ئېيتقان تىلىڭدىن ماڭا ئۆپتۈر، يار - يار.
يار - يار:
تاغدا تايچاق كىشنەيدۇكەن، ئات بولدۇم دەپ يار - يار، ئات بولدۇم دەپ،
ئۆيدە كېلىن يىغلايدۇكەن، يات بولدۇم دەپ، يار - يار، يات بولدۇم دەپ.
لاي - لاي:
چەش دۆۋىلىنىپ تاغ بولدى ئەجرىمىزدىن لاي - لاي -لاي،
تاشتى شادلىق سەل بولۇپ قەلبىمىزدىن لاي - لاي - لاي،...
ئەللەي:
قاراڭغۇدا تۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي،
بۇشۇگۈڭدە بۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي...
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
ھەربىي يۈرۈشتە، سەپتە باراۋەر قەدەم تاشلاپ مېڭىشقا ماسلاشتۇرۇلغان مۇزىكا ياكى مۇشۇنداق مۇزىكىغا سېلىنغان ناخشا.
تەنتەنىلىك مۇراسىم، سورۇنلاردا ئوقۇلىدىغان مەلۇم تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەيۋەتلىك ناخشا.
بۇ ۋەرەقىلەرنىڭ بىرىگە ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنىڭ نىزامنامىسى، يەنە بىرىگە ئۇچقۇنلار مارشى بېسىلغانىدى.