UyghurMain Dictionary
مارسا كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ تۇنىستىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىدىغان كېلىشىم. 1883-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى مارسادا ئىمزالانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدا فرانسىيىنىڭ تۇنىس دۆلىتىنىڭ تۇرۇشلۇق باش نازارەتچىسى تۇنىس دۆلىتىنىڭ ئىچكى كابىنېتىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئىچكى - تاشقى ئىشلارنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ؛ تۇنىسنىڭ بېگى مەمۇرىي، مالىيە، ئەدلىيە قاتارلىق جەھەتلەردە فرانسىيە <پايدىلىق> دەپ ھېسابلىغان ئىسلاھاتنىئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن تۇنىس رەسمىي ھالدا فرانسىيە ھامىلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ قالغان. 1956-يىلى 3-ئايدا، تۇنىس مۇستەقىل بولغاندا بۇ كېلىشىم بىكار قىلىنغان.