UyghurMain Dictionary
ماردۇك
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى بابىلون رىۋايىتىدىكى <ئىلاھلار پادىشاھى>، <ئۇلۇغ يۇپىتېر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدە بابىلون شەھىرىنىڭ يەرلىك ئىلاھى، خەلق ئارىسىدا چوقۇنىدىغان دېھقانچىلىق پىرى بولۇپ، مېسوپوتامىيىدىكى بىرمۇنچە ئىلاھلار ئارىسىدا ئانچە نەزەرگە ئېلىنمىغان. بابىلوننىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشىگە قەدىمكى بابىلون خاندانلىقى( بابىلوننىڭ تۇنجى خاندانلىقى) نىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ مېسوپوتامىيىدىكى ئاساسىي ئىلاھقا كۆتۈرۈلۈپ، <ئۇلۇغ ھۆكۈمران>، <ئاسمان - زېمىننىڭ خوجىسى> دەپ ترىپلەندى. بۈگۈنگىچە تارقىلىپ كەلگەن مىخ يېزىقلىق كىتاب <نەغمە> دە ماردۇنىڭ دۇنيانى ياراتقانلىقى ۋە ئالۋاستى تىئاماتنى يەڭگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەر بار. بابىلون شەھىرىدىكى ماردۇك ئىلاھى ئىبادەتخانىسى يېڭى بابىلون پادىشاھى نېبۇچادنېززار Ⅱ نىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) قايتا قۇرۇشى ئارقىلىق مېسوپوتامىيىدىكى مۇقەددەس جاي بولۇپ قىالغان. ئىلاھى ئىبادەتخانىنىڭ كاھىنى كۆپلىگەن مال - مۈلۈك ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى يىلدا ماردۇكقا ئاتاپ تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلەتتى.