UyghurMain Dictionary
ماركس
يۈز مەشھۇر شەخىس
1818 - 1883
ماركس - ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ بەرپاچىسى. ئۇ 1818 - يىلى پرۇسسىيىنىڭ رېيىن ئۆلكىسى ترىر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاۋوكات ئىدى. ئۇ 17 يېشىدا بۇنن داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن بېرلىن داشۆسىگە ئوقۇشقا يۆتكىلىدۇ. 1841 - يىلى 4 - ئايدا، ئۇ يېنا داشۆسىدە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.
كېيىن ئۇ ئاخبارات ساھەسىگە يۈزلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كيولىندىكى <رېين گېزىتى> نىڭ باش مۇھەررىرى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ رادىكال ئىنقىلابىي نۇقتىئىنەزەرلىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىكلەر كەلتۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ پارىژغا كۆچۈپ كېتىشىگە، ئۇ يەردە ئىنگېلس بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېقىن دوستانە مۇناسىۋەتتە ئۆتۈپ كېلىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي، ماركس فرانسىيىدىن قوغلىنىپ بريۇسسېلگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھىم ئەسىرى <پەلسەپە نامراتچىلىقى> نى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ئۇ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئىنگېلس بىلەن بىرلىكتە <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى> نى يېزىپ چىقىدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان بىر ئەسىرى ئىدى. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا، ماركس كيولىنغا قايتىپ بارىدۇ، بىراق نەچچە ئايدىن كېيىن، يەنە ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. كېيىن ئۇ لوندونغا بېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ.
گەرچە، ماركس تۇرمۇشنى ماقالە يېزىش بىلەن قامدىغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ لوندوندا تۇرغان مەزگىلىدىكى ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىقتىسادقا ئائىت كىتابلارنى تەتقىق قىلىشقا ۋە يېزىشقا سەرپ قىلغانىدى.
ئەينى يىللاردا، ماركسنىڭ يېقىن دوستى ئىنگلېس ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى. 1867 - يىلى، ئۇنىڭ مۇھىم ئەسىرى <كاپىتال> نىڭ بىرىنچى تومى دۇنياغا كەلدى. ماركس ۋاپات بولغاندا، <كاپىتال> نىڭ كېيىنكى ئىككى تومى تېخى يېزىلىپ بولۇنمىغانىدى. كېيىن ئىنگېلىس بۇ ئىككى تومنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ پۈتتۈرىدۇ.
ماركسنىڭ ئەسەرلىرى كوممۇنىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈردى. 20 - ئەسىردە كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ماركس بۇ كىتابتا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىشىگە گەپ سىغمايدۇ.
ماركس ۋاپات بولۇپ بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ماركسقا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىر مىليون 300 مىليون كىشىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ سان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقاندق ئىدېئولوگىيىگە ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىدىن كۆپ ئارتۇق تۇرىدۇ؛ بۇ سان كومپارتىيە ئەزاسى بولمىغان بىر قىسىم يازغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەت ماركسىزمنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھازىرقى كوممۇنىزم تەلىماتىنى مۇنداق تۆت ئاساسىي نۇقتىغا مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ؛
1. دۇنيادا ئاز ساندىكى بايلار راھەت - پاراغەت ئىچىدە ياشىماقتا، قالغان ئەمگەكچى خەلق بولسا نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا.
2. سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىش، يەنى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى شەخسكە ئەمەس، بەلكى خەلققە مەنسۇپ بولغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئورنىتىش - بۇنداق ئادالەتسىزلىكنى ئۆزگەرتىش چارىسىدۇر.
3. كۆپ ھاللاردا، بۇنداق تۈزۈمنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئورنىتىشنىڭ بىردىنبىر ئىلمىي چارىسى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشتۇر.
4. بۇ خىل سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئىشچىلار سىنىپى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.
پەيلاسوپلارنىڭ مۇھىملىقى ئۇلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىدە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن - كۆرسەتمىگەنلىكىدە ھەمدە كىشىلەرنىڭ بۇ ئىدىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولغان - بولالمىغانلىقىدا. ئەگەر بىز ماركسقا بۇ جەھەتتە باھا بېرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ غايەت زور مۇھىم رولىغا ئىگە كىشى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
دۇنيا تارىخى
(5 .5 . 1818 - 14 . 3 . .1883) پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ۋە داھىيىسى. ماركسىزمنىڭ ئاساسچىسى. پرۇسسىيىنىڭ رېين ئۆلكىسىدىكى ترىئېر شەھىرىدىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى - ئاخىر بونن داشۆسى ۋە بېرلىن داشۆسىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش مەزگىلىدە، ياش گېگېلچىلار گۇرۇھىغا قاتناشقان. 1841-يىلى 3-ئايدا داشۆسنى پۈتتۈرگەندە، <دېموكرىتىنىڭ تەبىئە پەلسەپىسى بىلەن ئېپكۇرنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق> ماۋزۇلۇق ماقالە يېزىپ، گېگېل پەلسەپىسىدىن رادىكال خۇداسىزلىق يەكۈنى چىقارغان ۋە پەلسەپە بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1542-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، <رېين گېزىتى> گە ماقالە يېزىپ تۇرغان، 10-ئايدا، بۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرى بولغان. ماركس مۇشۇ مەزگىلدە گېزىت ئوبزورى يېزىش ئارقىلىق ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتنى چوڭقۇر پاش قىلغان، ئىدېئالىزمدىن ماتېرىيالىزمغا، ئىنقىلابىي دېموكراتىزمدىن كوممۇنىزمغا ئۆتۈشكە باشلىغان، 1843-يىلى <رېين گېزىتى> پېچەتلەپ تاشلانغان. ماركس يېننى ۋېستىفالېن بىلەن توي قىلغان ۋە پارىژغا كۆچۈپ كېلىپ، ەېرمانىيە ۋە فرانسىيىدىكى مەخپىي ئىشچىلار تەكشىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشچىلار ۋە قول سانائەتچىلەرنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنشىپ تۇرغان. سىياسىي ئىقتىساد، خىيالىي سوتسىيالىزم ۋە تارىخ توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان. 1844-يىلنىڭ باشلىرىدا <نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى> نى چىقىرىپ، <>گېگېلنىڭ قانۇن پەلسەپىسىگە تەنقىدى< گە مۇقەددىمە>، <يەھۇدىيلار مەسىلىسى ھەققىدە>قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، پرولېتارىياتنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى يوقىتالايدىغان بىرىنبىر سىنىپ ئىكەنلىكىنى، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىلمىي دۇنيا قارىشى بىلەن بىرلىشىشنىڭ لازىملىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەن؛ <مەۋجۇت تۇرغان ھەممە نەرسىنى رەھمىمسىز تەنقىد قىلىش> نى، بولۇپمۇ <قورال تەنقىد> نى تەشەببۇس قىلغان. بۇ ماقالىلەر ۋە شۇ چاغدا روگېتقا يازغان بىر نەچچە پارچە خەت ماركسنىڭ دۇنيا قاراش جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنىڭ ئورۇنلنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1844-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ماركس بىلەن ئېنگېلس پارىژدا ئۇچراشقان. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىكى ئۇلۇغ ئۇستاز پرولېتارىياتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت قول تۇتۇشۇپ تىرەپ كۈرەش قىلغان. ئۇلار ھەممىدىن ئاۋۋال بىرلىشىپ <مۇقەددەس ئائىلە> نى يېزىپ، ياش گېگېلچىلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى - بائۇئېر قاتارلىقلارنىڭ ئىدېئالىزملىق پەلسەپىسىنى تەنقىد قىلىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ خەلق ئاممىسى تارىخنى ياراتقۇچى دېگەن تۈپ پرىنسىپىنى شەرھلىگەن. 1844-يىلى ماركس يەنە <ئىقتىساد - پەلسەپە قول يازمىلىرى> نى يازغان. ئىكىنچى يىلى ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قىوغلاپ چىقىرىلىپ، بريۇسسېلغا كۆچۈپ كەتكەن. <فېييېرباخ توغرىسىدا تېزىس> نى يېزىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئېنگېلسمۇ بۇ يەرگە كەلگەن. ئۇلار بىرلىشىپ <نېمىس ئىدېئولوگىيىسى> نى يېزىپ، ياش گېگېلچىلارنى يەنىمۇتەنقىد قىلىپ، يېڭى دۇنيا قاراش توغرىسىدىكى نەزەرىيىنى، بولۇپمۇ تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ بەزى تۈپ پرىنسىپلىرىنى شەرھلەپ ئۆتكەن. پرولېتارىياتنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. 1846 - ۋە 1847-يىللىرى ئېنگېلىس بىلەن بىرلىكتە بريۇسسېلدا كوممۇنىزم ئالاقە كومىتېتى ۋە گېرمانىيە ئىشچىلار جەمئىيىتى قۇرۇپ، پرۇدونىزمنى ۋە ۋېيتىلىڭنىڭ تەڭ تەقسىماتچىلىق كوممۇنىزمىنى ۋە <ھەرقىقىي> سوتسىيالىزمىنى تەنقىد قىلغان. 1847-يىلى <پەلسەپە نامراتلىقى> نى ئېلان قىلىپ، پرۇدوننىڭ <نامراتلىق پەلسەپىسى> نى تەنقىد قىلغان. شۇ يىلى كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 1847-يىلى 12-ئايدىن 1848-يىلى 1-ئايغىچەئىتتىپاقنىڭ ئىكىنچى قۇرۇلتىيىغا رەبھەلرىك قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان ھەمدە قۇرۇلتاينىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ئېنگېلس بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاق پروگراممىسى - يەنى <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى> دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ كوممۇنىزملىق ھۆججەتنى تەييارلىغان. <خىتابنامە> دە پرولېتارىيات كۈرىشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلەنگەن، ئۇلاrنىڭ تەلىماتى ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى سىستېمىلىق، مۇكەممەل بايان قىلىنغان. 1848-يىلى 2-ئايدا <خىتابنامە> رەسمىي ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئارقىمۇ ئارقا ئۇنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى ۋە كۈرەش پروگراممىسى قىلغان. 1848 - 1849-يىللار ياۋروپادا بولغان ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئېنگېلس بىلەن بىللە گېرمانىيىگە قايىتپ بېرىپ،خەلق ئاممىسى بىلەن بىرگە كۈرەشكە قاتناشقان. كيۇلىندا <يېڭى رېين> گېزىتىنى چىقىرىپ (مۇھەررىر بولۇپ)، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىگە مەدەت بەرگەن. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1849-يىلى 5-ئايدا پرۇسسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئاۋۋال پارىژغا بېرىپ، ئاندىن لوندونغا كۆچۈپ بېرىپ، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇ يەردە تۇرغان. لوندونغا بارغاندىن كېيىن دەرھال كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنى ۋە مەركىزىي كومىتېتىنى قايتىدىن قۇرغان. 1848-يىلدىكى فرانسىيىنىڭ فېۋرال ئىنقىلابى ۋە 1851-يىلدىكى لۇئى بوناپارتنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن <1848-يىلدىن 1850-يىلغىچە فرانسىيىدىكى سىنىپىي كۈرەش> ۋە <لۇئى بوناپارتنىڭ تۇمانلىق ئېيتىنىڭ ئون سەككىزى> نى ئېلان قىلىپ، 8491-يىلدىكى ئىنقىلابنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگەن. تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ بىر قاتار تۈپ پرىنسىپلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابى كونا دۆلەت ماشىنىسىنى چوقۇم پاچاقلاپ تاشلىشى كېرەك. ئىنقىلاب - تارىخنىڭ پاراۋۇزى دېگەن مەشھۇر نۇقتىئىنەزەرنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى، ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش ۋە ئىشچى -دېھقانلار ئىتتىپاقى قاتارلى ئىدىيىلەرنى ۋە ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىدىيىلەرنى شەرھلىگەن. 1859-يىلى <سىياسىي ئىقتىسادقا تەنقىد> نى ئېلان قىلىپ، قوشۇمچە قىممەت نەزەرىيىسىنى تەپسىلىي دەلىللەش ئۈچۈن ئاساس ياراتقان. 1867-يىلى <كاپىتال> نىڭ 1-تومىنى (2، 3-توملىرىنى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئېنگېلس رەتلەپ نەشر قىلدۇرغان، 4-تومىنى يەنى <قوشۇمچە قىممەت نەزەرىيىسى> نى ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىن كائۇتىسكى رەتلەپ نەشر قىلدۇرغان) نەشر قىلدۇرۇپ، ماركسىزملىق ئىقتىسادىي نەزەرىيىنىڭ ئاساسىي غولى - قوشۇمچە قىممەت نەزەرىيىسىنى شەرھلەپ، كاپىتالىستىك ەمئىيەتنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، كاپىتالىزمنىڭ جەزمەن ھالاك بولىدىغانلىقىنى ۋە كوممۇنىزمنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى دەلىللەش ئارقىلىق سوتسىيالىزم ھەققىدىكى تەلىماتنى پۇختا ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلغان. 1850-يىلدىن 1870-يىلغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە مانچېستېردا تۇرۇۋاتقان ئېنگېلس بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئالاقىلىشىپ، تۈرلۈك سىياسىي مەسىلىلەر، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنگە ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمىلىشىپ تۇرغان. 1851-يىلدىن ئېتىبارەن، ئامېرىكىدا چىقىدىغان <نيۇ - يورك كۈندىلىك مۇنبەر گېزىتى> ۋە ئەنگلىيە ھەم باشقا مەملىكەتلەردىكى بەزى گېزىت - ژۇرناللارغا ماقالىلەرنى، جۈملىدىن جۇڭگو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئوبزورلارنى ئەۋەتىپ تۇرغان. جۇڭگو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ماقالىلەردە جۇڭگو جەمئىيىتىنڭى ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىپ، روسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى پاش قىلىپ ۋە ئەيىبلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرىشىنى مەدھىيىلەپ، جۇڭەو ئىنقىلابىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۆرسەتكەن. ياۋروپا ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋاقتىنچە پەسەيگەن ۋەزىيەتتە، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئىلمىي سوتسىيالىزم ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلىگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. ئىشچىلار ھەرىكىتى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن شارائىتتا، 1864-يىلى 9-ئايدا، لوندوندا خەلقئارا ئىشچىلار جەمئىيىتىنى (يەنى بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال) نى قۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالغان. بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پرۇدونچىلار، باكۇنىنچىلار، ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكى تەرەپدارلىرى، لاسسالچىلارنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى، تەسلىمچىلىكى، ھۆكۈمەتسىزلىكى، بۆلگۈنچىلىكى ۋە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەرگە قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلغان. ماركسىزمنى خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدە يېتەكچى ئورۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئاساس ياراتقان. 1871-يىل 18-كۈنى پارىد ئىشچىلىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ پارىژ كوممۇناسىنى قۇرغان، ماركس پارىژ پرولېتارلىرىنىڭ ئىنقىلابىي يېڭىلىق يارىتىش روھىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھەم ئۇنى مەدھىيىلىگەن ۋە قوللىغان. <فرانسىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش> نى تېز يېزىپ، كوممۇنانىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، <ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تەييار دۆلەت ماشىنىسىنى شۇ پېتى ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز مەقسىتىگە يېتىش يولىدا پايدىلىنىش مۇمكىن ئەمەس>، كونا دۆلەت ماشىنىسىنى ئىنقىلابىي زوراۋانلىق كۈچ بىلەن <ۋەيران قىلىش> ۋە <پاچاقلاپ تاشلاش>، <پرولېتارىياتنىڭ دىكتاتۇرىسىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك> دەپ كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە <ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز> دېگەن ئەسىرىدەمۇنۇلارنى تەكىتلەپ كۆرسەتكەنىدى: <پرولېتارىيات ئارمىيىسى پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى. ئىشچىلار سىنىپى ئۇرۇشى مەيدانىدا ئۆزلۈكىدىن ئازاد بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.> 70-يىللاردىن 80-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، ماركس داۋاملىق تۈردە ئۆزىنىڭ ئاساسىي زېھنى ۋە كۈچىنى <كاپىتال> نىڭ 2-ۋە 3-توملىرىنى يېزىشقا سەرپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن. 1875-يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدە ئىزىناخچىلار لاسسالچىلار بىلەن قوشۇلغاندا شەكىل جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىققا قىزىقىپ <پرىنسىپ ئۈستىدە سودىلىشىپ>، لاسسالچىلارنىڭ ئاغمىچىلىقى بىلەن مۇرەسسەچىلىك قىلغان. ماركس كېسەل بولۇشىغا قارىماي <گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد> نى يېزىپ، گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگرامما لايىھىسىدىكى لاسسال ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلىپ، كاپىتالىزم بىلەن كوممۇنىزم ئوتتۇرىسىدا بىر ئىنقىلابىي بۇرۇلۇش دەۋرى بولىدۇ، بۇ دەۋرگە مۇناسىپ سىياسىي جەھەتتىكى بىر ئۆتكۈنچى دەۋرمۇ بولىدۇ. بۇ دەۋردىكى دۆلەت پەقەت پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي دىكتاتۇرىسىلا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. 1879-يىلى گېرمانىيە پارتىيىسىدىكى سيۇرىختىكى ئۈچ كىشىلىك ئۆمەكنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى، تەسلىمىچىلىكى ۋە فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاغمىچىلىق گۇرۇھىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان. ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى، ئىنتايىن نامرات تۇرمۇش ۋە ئېغىر نەزەرىيىۋى، ئەمەلىي خىزمەتلەر ماركسنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن. 1883-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ماركس ئۆزىنىڭ كرېسلوسىدا ئولتۇرپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئېنگېلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: <ماركس ئىنسانىيە تارىخىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىنى كەشپ قىلدى>، <يەنە ھازىرقى زامان كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ ۋە شۇ ئۇسۇلدىن پەيدا بولغان بۇرژۇئا جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنىمۇ كەشپ قىلدى>، ماركس - <ئۇلۇغ پەن ئەربابى>، لېكىن <ھەممىدىن ئاۋۋال بىر ئىنقىلابچى ئىدى. كاپىتالىستىك جەمئىيەتنى ۋە شۇ جەمئىيەت ئورناتقان دۆلەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇش ئىشىغا مەلۇم يول بىلەن قاتنىشىش، ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئورنى ۋە تەلىپىنى، ئازاد بولۇش شەرتلىرىنى تۇنجى قېتىم ئاڭقىرغان. ھازىرقى زامان پرولېتارىياتىنىڭ ئازادلىق ئىشىغا مەلۇم يول بىلەن قاتنىشىش - مانا بۇلار ئەمەلىيەتتە ماركسنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەزىپىسى ئىدى (>ماركسىزم - لېنىنىزم ئەسەرلىرىدىن تاللانما< >پەلسەپە< مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1990-يىلدىكى ئۇيغۇرچە نەشرى، 456 - 457-بەتلەر).