Chinese→UyghurMain Dictionary
路易十五
دۇنيا تارىخى
لۇئى ⅤⅩ
(1710 - 1774)، فرانسىيە كورۇلى (1715 - 1774). لۇئى ⅣⅩ نىڭ چەۋرىسى. دەسلەپتە ئورلىئان كىنەزى فىلىپ (1674 - 1723) نائىبلىق قىلغان. 1716 - يىلى پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىستى جون لاۋنى خىزمەتكە قويۇپ، مالىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان، ئەمما قەغەز پۇل قالايمىقان تارقىتىلىپ، بانكا نەقلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، قولىدا قەغەز پۇل بارلار ۋەيران بولۇپ، ئىسلاھات مەغلۇپ بولغان. 1726 - يىلىدىن باشلاپ كاردېنال فلېئۇرى (1653 - 1743) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1743 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان، كەيپ - ساپاغا بېرىلىپ، خالىغانچە بۇزۇپ - چېچىپ، خەزىنىنى قۇرۇقداپ قويغان. 1750 - يلى باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، ئەمما راھىبلار، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. 1771 - يىلى پارىژ ئالىي سوتىنى تارقىتىۋېتىپ، ۋەزىرى مائۇپېئانۇ (1714 - 1792) غا كورۇلغا تامامەن ئىتائەت قىلىدىغان <مائۇپېئائۇ سوتى> نى تەشكىل قىلدۇرغان. سىرتقا قارىتا، زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشلىرىغا داۋاملىق قاتنىشىپ تۇرغان، پولشا تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى (1740 - 1748) ۋە يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 - 1763) لاردا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، دۆلەت مالىيەسىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇرژۇئازىيە ئاقارتىش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن.