Chinese→UyghurMain Dictionary
路易九世
دۇنيا تارىخى
لۇئى Ⅸ
(1214 - 1270)، فرانسىيە كاپىتئېنىس سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1226 - 1270). لۇئى Ⅷ نىڭ ئوغلى. كىچىك چېغىدىلا تەختكە ئولتۇرغان. ئانىسى بلانچې نائىبلىق قىلغان. 1236 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1242 - يىلى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتقان. يەرلىك فېئودال تەپرىقىچى كۈچلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەدلىيە، پۇل تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلغان؛ ئالىي سوت (پارلامېنت دەپ ئاتالغان) قۇرۇپ، زور دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويۇپ، فېئوداللار سوتىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن؛ پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرى دائىرىسىدە دۇئېلغا چىقىپ ھۆكۈم قىلىشنى ھەمدە فېئوداللار ئارا خۇسۇسىي ئۇرۇش قىلىشنى مەنئى قىلغان؛ پادىشاھ جەمەتىنىڭ خوجىلىق يېرىنىڭ سىرتىدىكى فېئوداللارنىڭ ئۆز ئارا قوراللىق جاڭجاللىرىغا قارىتا، <كورۇلنىڭ قىرىق كۈنى> تۈزۈمىنى يولغا قويغان، بۇ مەزگىل ئىچىدە جەڭ ئېلان قىلىنغان تەرەپ كورۇلغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان؛ ئالتۇن - كۈمۈش پۇل قۇيدۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە ئوبوروت قىلدۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك فېئوداللار ۋە شەھەرلەر ئۆز ئالدىغا قۇيدۇرغان پۇللارنى تەدرىجىي ھالدا چەتكە قاققان. 1248 - يىلى 7 - قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسنى باشلاپ مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان، 1250 - يىلى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن ۋە سۈرىيىدە تۆت يىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن پۇل خەجلەپ جىسمانىي ئەركىنلىكنى سېتىۋالغان. 1270 - يىلى يەنە سەككىزىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنى باشلاپ تۇنىسقا يۈرۈش قىلغان، شۇ يىلى 8 - ئايدا كېسەل يۇقۇپ، تۇنىس شەھىرىنىڭ يېنىدا ئۆلگەن.
دىن
lù yì jiǔ shì
基
خىرىستيان دىنى
لۇئى Ⅸ