Chinese→UyghurMain Dictionary
路易十一
دۇنيا تارىخى
لۇئى Ⅺ
(1423 - 1483)، فرانسىيە ۋاررويا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1461 - 1483). چارلېس Ⅶ نىڭ ئوغلى. ئەسكەر تارتىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، دادىسغا قارشى چىققان. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، چوڭ فېئوداللارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن.1464 - يىلى چوڭ فېئوداللار <ئورتاق مەنپەئەت ئىتتىپاقى>نى قۇرۇپ، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت بىلەن قارشىلاشقان. ئۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنى پارچىلىغان. 1477 - يىلى شۋېتسارىيە، لوررائىن بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەت ئىتتپاقىنىڭ رەھبىرى، بۇرگۈندى كىنەزى چارلېس (جاسارەتلىك)نى مەغلۇپ قىلش ۋە ئۆلتۈرۈشنى قوللىغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رۇسسىللون، ئانژۇ، مائىن، پروۋېنتسې، بۇرگۇندى كىنەزلىكى ۋە پىكاردىلارنى قوشۇۋېلىپ، فرانسىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان. قول سانائەت (بولۇپمۇ يىپەك توقۇمىچىلىق) ۋە ئىچكى - تاشقى سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، بۇرژۇئازىيىنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىقىغا قويغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئۈچ تەبىقە كېڭىشىنى پەقەت بىر قېتىمدىلا ئاچقان (1468 - يىلى)، ئادەتتىكى چاغلاردا پادىشاھ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئاساسلىق ئوردا كېڭىشىنىڭ مەسلىھەت بېرىشىگە تايانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن فرانسىيە بۇ مەزگىلدە تەبىقىلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدىن تەدرىجىي ھالدا پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن.