UyghurMain Dictionary
لېسبوس
دۇنيا تارىخى
ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چوڭ ئارال. يەر مەيدانى 1630 كۋادىرات كىلومېتىر. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غتربىي قىرغىقىدىكى ئېئولىسقا يېقىن. زېمىنىدا تاغلىرى تەرەپ - تەرەپكە سوزۇلغان، پەقەت شىمالدىكى مېتيمنا ئەتراپنىڭلار تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، بۇ يەردىن مايلىق دان، ئاشلىق كۆپ چىقىدۇ. يىراق قەدىمڭكى زاماندىكى ئاھالىسى پېلاسگېلار بولۇپ، كېيىن ئېئتولىسلار كۆچۈپ كېلىپ، ئېرېسۇ، ئانتىسا ( ئاساسەن غەربىي قىسىمىدا)، پىررا ( ئوتتۇرا قىسمىدا) شەرھەرلىرىنى قۇرۇپ چىققان، بولۇپمۇ شەرق قىسمىدىكى ميتىلېنې بەكمۇ مەشھۇر بولغان. ئارال ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگخشىپ، ئېئولىسلار شىمالىدىكى ترويابوبيلىرىدا مۇستەملىكە پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتكەن. قەدىمكى يۇناندا لېسبوس ئارىلى بىر تۈركۈم ئالىم ۋە ئەدىبلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنغان، ئالايلۇق، شائىر ئاكاجىئو، ئارېئون، تارىخشۇناس تېئوفونى، پەيلاسوپ تېئوپراستوس قاتارلىقلار. مىترىدات ئۇرۇشىدىن كېيىن ( مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) رىمغا تەۋە بولغان.