UyghurMain Dictionary
لېدرۇ روللىن
دۇنيا تارىخى
(1807 - 1874)، فرانسىيەنىڭ ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتىزمچىسى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. جۇمھۇرىيەتچىلەرنى ئاقلاش بىلەن نام چىقارغان. <سوت كۈندىلىك تەزكىرىسى>، <فرانسىيە سوتىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان دېلو مىساللىرىنىڭ ئومۇمىي توپلىمى> قاتارلىق زور ھەجىملىك ئەسەرلەرنى يازغان. 1839 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ھەمدە بلانكى بىلەن بىرلىكتە <ئىسلاھات گېزىتى> نى چىقارغان. 1848 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. شۇ يىلى 12 - ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لۇئى بۇناپارت بىلەن رىقابەتلىشىپ، مەغلۇپ بولغان. 1849 - يىلى 5 - ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىغا سايلىنىپ، يېڭى تاغلىقلار گۇرۇھىغا رەھبەرلىك قىلىپ، زۇڭتۇڭنىڭ سىياسەتلەرنى سۆككەن. 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئەنگلىيىدە تۇرغان 20 يىل ئىچىدە، ماززېنى ۋە كوسسۇت قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ياۋرۇپا ئىنقىلابىي كومىتېتىنى تەشكىللەپ، ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىدىغان نۇرغۇن براشورالارنى يازغان. 1870 - يىلىدىكى ئومۇمىي كۈچۈرۈمدە دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، ئەمما دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا مىللىي پارلامېنتقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي پائالىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن توختاتقان. <سىياسىي نوتۇقلار ۋە ئەسەرلەر توپلىمى> دېگەن ئەسىرى بار.