UyghurMain Dictionary
لېساژ
دۇنيا تارىخى
(1668 - 1747) فرانسىيلىك يازغۇچى ۋە دراماتورگ. برىتانىيەدە تۇغۇلغان. يېتىم بالا. ئىيېزۇئىتلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1692 - يىلى پارىژغا بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. ئادۋوكات ۋە باج ئىدارىسى خىزمەتچىسى بولغان، كېيىن يېزىقچىلىققا كىرىشكەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كومېدىيە ۋە رومان يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لۇئى 14 -ۋە لۇئى 15 - ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى فېئوداللىق تۈزۈم كۈندىن - كۈنگە يېمىرىلىۋاتقان، كاپىتالىستىك مۇناسىۋەت ئاستا - ئاستا شەكىللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، رېئالىزملىق ۋە ئاقارتىش ئەدەبىياتى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. فرانسىيەنىڭ 18 - ئەسىردىكى ئەدەبىياتىغا خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا غەربىي ياۋرۇپادىكى رېئالىزملىق رومان ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن كومېدىيىدىن <دۇكارې>، روماندىن <جىر بولاس> قاتارلىقلار بار.