UyghurMain Dictionary
لەقۋالىق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زېھنى گاللىق.
زېرەكلىك
زېھنى ئۆتكۈرلۈك.
ئانىسى قۇۋلۇق قىلىپ نېپىز ياقسا، بالىسى زېرەكلىك قىلىپ قوشلاپ يەپتۇ. گالۋاڭلىق قىلىپ، گالدىن ئىلىنىپتۇ. ئاڭقاۋلىق قىلساڭ، ئايىغىڭدىن ئايرىلىسەن. دۆتلۈك دۈشمەنلىكتىن يامان. كالۋالىق كالىغا خاس. ھاماقەتلىك ھايانى بۇزىدۇ. قاپاقباشلىق قاچان بولمىسۇن چاندۇرىدۇ. ھاماقەتلىك مەمەدانلىق بىلەن تۇغقان. دېۋەڭلىك - دەردمەنلىك. لەقۋالىق لايغا تىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەقىلسىزلىق، كالۋالىق، دۆتلۈك.
- لەقۋا دېگەن لەقۋالىقىنى قىلمامدۇ! - دېدى كىچىكئاخۇن.
پالەچلىك، كۈچ - قۇۋۋەتسىزلىك، مادارسىزلىق، زەئىپلىك.