UyghurMain Dictionary
لەڭ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چولاق، ئاقساق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاقساق، چولاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دېھقانچىلىق بېجى، دېھقانلار ئاشلىقتىن تېگىشلىك مىقداردا دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان سېلىق.
«شاڭ»، «لەڭ»، «دەييەك» ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
غەللە - پاراق تاپشۇرۇش _ دېھقانلارنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇتى مېيىپ، ئەيبىناق كىشى، يۈرۈش - تۇرۇشى تەس كىشى.
قۇيقا چېچى قىرىق گەز ئۆرلىگەن ئامبال ئاقساق پۇتى بىلەن چېرىكنى بىر تەپكەنىدى، ئۇنىڭ مۈرىسىگە تەگدى. جىننىڭ ئاقساق - چولاقلىرى يامان. توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا. تۆمۈرلەڭ _ مەشھۇر زات.
مايماق پۇتقا ياخشى ئاياغنىڭ نېمە كېرىكى. مايتۇق ئاياغمۇ مىدىرلايدۇ.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
كەڭ، ئۇلۇغ. مەسىلەن: ئىشىك لەڭ ئوچۇق تۇرۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
كونا. ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئەسكەرلەرگە، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بېرىلىدىغان تەمىنات؛ ئاشلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
داۋالغۇپ، تەۋرىنىپ تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھالەت.
دېگەندۇ جىنازاڭ لەڭ ئۇرۇپ ئۆتكەندە يوللاردىن، <مىراس بىزگە ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئارمان> ئۆزۈڭ نەدە؟