UyghurMain Dictionary
لاززارونى
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيە يېزىقىدىكى Lazzaroni دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، كەمبەغەل، سەرگەردان، قەلەندەر دېگەن مەنىدە. دەسلەپتە 17 - ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. 1647 - يىلى ماسانئېللو نېئاپولدا ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قوزغىلاڭغا قاتناشقۇچىلار ئۆزىنى لاززارونى دەپ ئاتىغان. كېيىن جەنۇبىي ئىتالىيىدە بارلىق نامرات خەلقلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىنى ئالغان. 19 - ئەسىردىن باشلاپ كەمسىتىش نامىغا ئايلانغان.