UyghurMain Dictionary
لازارېۋ
دۇنيا تارىخى
(1788 - 1851) روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. 1803 - يىلى دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە بېرىپ پراكتىكا قىلغان. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن روسىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشى (1808 - 1809) ۋە روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى (1812) غا قاتناشقان. 1813 - 1825 - يىللىرى ئۈچ قېتىم يەر شارىنى ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىشنى تاماملىغان. بىلىنىسگا ئوزىنا (1778 - 1852) بىلەن بىرلىكتە ئانتاركتىكا قۇرۇقلۇقىنى تاپقان. 1827 - يىلدىن باشلاپ روسىيىگە دېڭىز ئارمىيە فلوتىنىڭ شتاب باشلىقى، قوشۇمچە <ئارزۋ> ناملىق كىرەيسىرىنىڭ باشلىقى بولغان، ناۋارىن جېڭى ۋە روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (1828 - 1829 ) غا قاتناشقان. 1833 - 1851 - يىللىرى قارا دېڭىز فلوتى ۋە پورتىنىڭ قوماندانى بولۇپ، بۇ رايوننىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋە مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان.