UyghurMain Dictionary
لازىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زۆرۈر، كېرەك، لازىم:
قاراپ كۆرەىل تەمام ئۈنمەككە بىر ئۈندۈرگۈچى لازىم،
ۋۇجۇدىن دانەئى گەندۇمغە ئىسباتى ساما پەيدا.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
لازىم، زۆرۈر؛ مۇھىم؛ ئايرىلماس؛ ئۆتۈمسىز(گىرامماتىكىدا)؛ لازىمۇلئىجرا - ئورۇنلاشقا تېگىشلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەلەپ ۋە ئېھتىياجنى بىلدۈرىدۇ.
«كېرەك» پېئىلىنىڭ شەرت مەيلى بىلەن بىرىككەندە ئېھتىماللىق، تەخمىن، گۇماننى بىلدۈرىدۇ. باشقىلىرىدا بۇ ھال يوق.
كېرەككە تېرەك يىقىلىدۇ. يىغقان مال جانغا كېرەك. بۈگۈن يامغۇر ياغسا كېرەك. قىممەتلىك پىكىرىمىز ھەقىقەتكە زىت كېلىپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن ۋازكېچىشكە رازى بولۇشىمىز. تىرىشچانلىق ۋە قانائەتلەنمەسلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ھەممىدىن بەك زۆرۈر. ئېڭىكى چۈشكەن چاغدا ياڭاق چېقىش ھاجەتمۇ؟ ئوقۇغاننى تەكرارلاپ تۇرۇش تېگىشلىك ئەمەسمۇ؟ پۇقرالار قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى شەرت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
بېجىرىلىشى زۆرۈر بولغان؛ كېرەك، زۆرۈر.
ئوبۇل ھەسەن ئىبنى تاھىر ئۇنىڭغا: - ئۇنداق قاملاشمىغان گەپنى قويۇڭ! ئەگەر لازىم تېپىلىدىكەن جېنىمنىمۇ سىزگە پىدا قىلىشقا تەييارمەن ، - دەپتۇ.