UyghurMain Dictionary
كۇتۇبى خەمسە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى بەش ھەدىس شېرىپ دېگەنلىك بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئېتىراپ قىلغان نوپۇزلۇق بەش ھەدىس شېرىپ شۇنداق دېيىلىدۇ. بۇ مەزھەپ سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە، تۆت ھەدىس شېرىپ ۋە مۇرتەزا تۈزگەن <مۇنازىرە يولى> نى قوشۇپ بەش ھەدىس شېرىپ دەپ ئاتايدۇ. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىبنى بابۇيە تۈزگەن <مەدىنەتىل ئىلىم> نى بەشىنچى ھەدىس شېرىپ، دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. <بەش ھەدىس شېرىپ> شىئە مەزھىپىنىڭ ئەھكام چىقىرىش، دىننى ئىجرا قىلىشىدىكى مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.