UyghurMain Dictionary
كۇتاھيا كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى قېتىملىق تۈركىيە - مىسىر ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى. كۇتاھيا شەھىرىدە ئىمزالانغان. بىرىنچى قېتىملىق تۈركىيە - مىسىر ئۇرۇشى ۋاقتىدا (1831 - 1833) مىسىر تۈركىيە پايتەختى ئىستانبۇلغا باستۇرۇپ كىرگەن، روسىيە ئەسكەر چىقىرىپ تۈركىيىگە ياردەملەشكەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر ھۇجۇمىنى توختاتقان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر تۈركىيە بىلەن مىسرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تېزرەك تۈزۈشكە مەجبورلىغان. 1833 - يىلى كېلىشىم ئىمزالانغان. كېلىشىمدە: تۈركىيە مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە كىلىكىيە (تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە قىسمىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىخىي رايون) لەرنى مىسىر باش ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىدۇ. مىسىر ئاناتولىيىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ ھەمدە تۈركىيە سۇلتانىنىڭ مىسىرغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن.