UyghurMain Dictionary
كۇتۇبى سىتتە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئالتە كىتاب> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ يەردە سۈننىي مەزھىپى ئەمەل قىلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنىڭ خاتىرىسى، يەنى <سەھىھۇل بۇخارى>، <سەھىھۇل مۇسلىم> ۋە تىرمىز، ئەبۇ داۋۇد، نەسائى ۋە ئىبنى ماجەلەر توپلاپ تۈزگەن تۆت ھەدىس شېرىپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. جۈملىدىن ئالدىنقى ئىككىسى <بەرھەق ئىككى كىتاب> دېيىلىدۇ. ئۇلار <قۇرئان كەرىم> دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كېيىنكى تۆت كىتاب <تۆت سۈننەت> دېيىلىدۇ، بەزىدە ئىبنى ماجە توپلىغان ھەدىسلەر ئۈستىدە تالاش - تارتىش بولىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ ئورنىغا مالىك تۈزگەن <ئەل مۇۋەتتەئ> نى قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بەزىلەر ئىبنى ئەنبەلى تۈزگەن <مۆسنەد شېرىف> كە ھۆرمەت قىلىدۇ.